ئامېرىكا ئارمىيەسى خىتاينىڭ بىر كۈرەشچى ئايروپىلانى بىلەن ئامېرىكىنىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانىنىڭ سوقۇلۇپ كەتكۈدەك دەرىجىدە يېقىنلاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ياۋروپا خەۋەرلىرى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى بۇ ۋەقەنىڭ جەنۇبىي دېڭىز ئۈستىدىكى دائىملىق ئۇچۇش جەريانىدا يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ھىندى تىنچ ئوكيان قوماندانلىق ئورگىنىنىڭ باياناتىدا، خىتاينىڭ شېنياڭ J-11 تىپلىق قوش موتورلۇق كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى خەلقئارا ھاۋا بوشلۇقىدا دائىملىق مەشغۇلات قىلىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ B-52 تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانىغا تەخمىنەن ئۈچ مېتىر قالغۇدەك دەرىجىدە يېقىنلاشقانلىقى ۋە سوقۇلۇش خەۋپى پەيدا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي رېجىمى بۇ ۋەقە توغرىسىدا ھازىرغىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىغان بولۇپ، ماي ئېيىدا يۈز بەرگەن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ۋەقەدە، خىتاي رېجىمى ئامېرىكىنىڭ شىكايىتىنى رەت قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن جەنۇبىي دېڭىز ئۈستىدىكى بۇ خىل ئۇچۇشلارنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.
شۇنداقلا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 17-ئۆكتەبىر مەخپىيەتلىكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ۋە جىددىي ئېلان قىلىش بۇيرۇقى بىلەن بىر تۈركۈم سۈرەت ۋە سىنلارنى ئېلان قىلىپ، يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە 200 گە يېقىن خىتاي كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىغا قەستەنلىك بىلەن خەتەرلىك دەرىجىدە يېقىنلاشقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ پەقەتلا ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىغا قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىق ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئايروپىلانلىرىغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىنى قوشقاندا، بۇنىڭ 300 قېتىمغا يېقىنلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر