خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقات فىلىمى «شاڭخەيدىكى ئايگۈل»نى سۈرەتكە ئېلىش باشلانغان

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاش ئۈچۈن، ئاتالمىش «شاڭخەيدىكى ئايگۈل» فىلىمىنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيەسىدە سۈرەتكە ئېلىشقا باشلىغان.

بېيجىڭ خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي 21-ئۆكتەبىر ئاتالمىش كومېدىيەلىك فىلىم «شاڭخەيدىكى ئايگۈل»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى يەكەن ناھىيەسىدە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مەزكۇر فىلىم يەكەن ناھىيەسىدە سۈرەتكە ئېلىنغاندىن باشقا، پوسكام ناھىيەسى، قاغىلىق ناھىيەسى، قەشقەر شەھىرى، تاشقورغان ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا سۈرەتكە ئېلىنىدىكەن. ئاخىرىدا مەيدان ئالمىشىپ شاڭخەيدە سۈرەتكە ئېلىنىدىكەن.

خىتاي رېجىمى فىلىمدە ئاساسەن شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن ئويدۇرما بايانلار ئارقىلىق خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كېلىشكە رىغبەتلەندۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئاتالمىش «شاڭخەيدە ياشاۋاتقان بىر ئائىلە كىشىلىرى»دىن ئىبارەت توقۇلما ۋەقەلىكىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا سۈرگۈن قىلىش جىنايىتىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ فىلىمنى سۈنئىي ھەمراھ قانىلى پىروگرامما ئىشلەش مەركىزى، خىتاي ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئاتالمىش «شىنجاڭ» شۆبىسى ئىشلىگەن بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، ئاتالمىش «شىنجاڭ» خۇالىڭ كىنوچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىرلىشىپ سۈرەتكە ئالىدىكەن.

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ياش-ئۆسمۈرلەرنى ئۆز تىل-يېزىقىدىن، ئېتىقادىدىن، مەدەنىيىتىدىن مەھرۇم قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى»، «خىتايلار ئۇيغۇرلاردىن ئايرىلالمايدۇ، ئۇيغۇرلار خىتايلاردىن ئايرىلالمايدۇ» دېگەن سەپسەتە باش تېما قىلىنغان ھەرخىل ساختا تەشۋىقات فىلىملىرىنى ئىشلەش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارىتا مېڭە يۇيۇش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3861 قېتىم كۆرۈلدى
27/10/2023 13:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق