قولى مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ قېنى بىلەن بويالغان لى كېچياڭ ئۆلدى

2013-يىلدىن 2023-يىلغىچە خىتاينىڭ باش مىنىستىرى بولغان ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى نۇرغۇن جىنايەتلەرنىڭ باش پىلانلىغۇچى ۋە بۇيرۇق بەرگۈچىلىرىدىن بىرى بولغان، شۇنداقلا جازا لاگېرىغا سولانغان، خارلانغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن ساناقسىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دۈشمىنى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن كەچتە شاڭخەيدە تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ، كېچە سائەت 00:10 دا ئۆلگەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، 68 ياشلىق لى كېچياڭ شاڭخەيدە دەم ئېلىۋاتقان بولۇپ، 26-ئۆكتەبىر كەچتە تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغالغان ۋە پۈتۈن قۇتقۇزۇشلار كارغا كەلمەي، 27-ئۆكتەبىر سائەت 00:10 دا ئۆلگەن.

لى كېچياڭ 2013-يىلدىن 2023-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاينىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بولۇپ، شى جىنپىڭ بىلەن بىللە يېقىنقى ئون يىلدا خىتاي سىياسىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى قانخور دىكتاتورلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلگەن. ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرى سىياسىتىنىڭ پىلانلىنىشى، ئىجرا قىلىنىشى ۋە ئەڭ ۋەھشىي تەرىقىدە ئەۋجىگە چىقىشىغىچە بولغان بارلىق جەريانلارغا بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلغان ۋە دۇنياغا ئاپەت بولغان خىتاي ۋىرۇسى مەزگىلىدىمۇ خىتايدىكى يولسىز يۇقۇم تەدبىرى سىياسىتىنىڭ ئىجراچىسى بولغان ۋە مەزكۇر يۇقۇم تەدبىرى سىياسىتىنى شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكەپ كېلىپ، ئەمەلىيەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ھالى قالمىغان ئۇيغۇر خەلقىنى ۋىرۇس يۇقۇم تەدبىرى باھانىسى بىلەن يېڭىدىن قىرغىن قىلىشتا ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھېچقاچان ئۇنتۇيالمايدىغان ئەڭ ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرنىڭ يۈز بېرىشىدە، ساناقسىز نارەسىدە كىچىك بالىلارنىڭ، ئانىلارنىڭ ئاچلىقتا پاجىئەلىك ئۆلۈشىدە باش رول ئالغان ئەڭ چوڭ جىنايەتچى ھېسابلىنىدۇ.

لى كېچياڭ 1955-يىلى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خېفېي شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، سىياسىي ھاياتىنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ياشلار تەشكىلاتى كوممۇنىستىك ياشلار بىرلەشمىسى سېپىدىن قەدەممۇ قەدەم كۆتۈرۈلۈپ، 1993-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە بۇ تەشكىلاتنىڭ بىرىنچى سېكرېتارى بولۇش بىلەن باشلىغان ۋە 1998-2002-يىللىرى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى، 2002-2004-يىللىرى بۇ ئۆلكىنىڭ كومپارتىيە سېكرېتارى بولغان.

2004-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىلىك كومپارتىيە سېكرېتارى بولغان لى كېچياڭ ئەينى ۋاقىتتىكى پارتىيەنىڭ ئەڭ يۇقىرى قارار چىقىرىش ئورگىنى بولغان ۋە توققۇز كىشىدىن تەركىب تاپقان دائىمىي كومىتېت ئەزالىقىغا سايلانغان.

لى كېچياڭ بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا دائىمىي كومىتېتقا سايلانغان شى جىنپىڭ 17-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، 2008-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 11-نۆۋەتلىك خىتاي قۇرۇلتىيىدا خىتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغاندىن كېيىن، لى كېچياڭ بىرىنچى مۇئاۋىن باش مىنىستىر بولغانىدى.

شۇنىڭ بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي رېجىمى رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ئىككى نۆۋەتلىك ۋەزىپىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن، 2013-يىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭ خىتاي رەئىسى، لى كېچياڭ باش مىنىستىر بولغانىدى.

ئەمما خىتاي رېجىمى رەئىسى ۋە خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرىتارى شى جىنپىڭنىڭ ئىقتىساد، پۇل-مۇئامىلە، دىپلوماتىيە، بىخەتەرلىك، ئىسلاھات ۋە باشقا ساھەلەردىكى بارلىق ھوقۇقنى ئۆزىنىڭ قولىغا كىرگۈزۈشى بىلەن، لى كېچياڭنىڭ تەسىر دائىرىسى بارغانچە تارىيىپ ماڭغانىدى.

شى جىنپىڭ 2022-يىل ئۆتكۈزۈلگەن 20-نۆۋەتلىك خىتاي قۇرۇلتىيىدا ئۆزىنى يېڭىدىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارلىقىغا «سايلاتقۇزغان» بولسا، لى كېچياڭ پارتىيەدىكى ۋەزىپىلىرىدىن ئايرىلغانىدى ۋە بۇ يىل مارت ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن 14-قۇرۇلتايدا ئاخىرقى قېتىم خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ خىزمەتلىرىدىن دوكلات بەرگەن لى كېچياڭ ۋەزىپىسىنى نۆۋەتتىكى باش مىنىستىر لى چياڭغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1945 قېتىم كۆرۈلدى
27/10/2023 13:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق