نىيە ناھىيەسىدە يەر تەۋرىدى

25-ئۆكتەبىر خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نىيە ناھىيەسىدە تۆت بال يەر تەۋرىدى.

خىتاي يەر تەۋرەشتىن مەلۇمات بېرىش ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 25-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 21:52 دە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نىيە ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 36.51 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 83.78 گىرادۇس) 4.0 بال ئەتراپىدا يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر بولغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3894 قېتىم كۆرۈلدى
26/10/2023 15:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق