خىتاي يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتىنى دېڭىزغا چۈشۈردى

ئامېرىكا خىتاينىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۆزگەرتىپ ياسالغان چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلەنگەن يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتىنى دېڭىزغا چۈشۈرگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى پارلامېنتقا سۇنغان ئەڭ يېڭى «خىتاينىڭ ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك تەرەققىيات دوكلاتى»دا خىتاينىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى يادرو ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلىدىغان سۇ ئاستى پاراخوتىنى ئىشلىتىشكە باشلىغانلىقىنى دەلىللىگەن.

خىتاي بۇ تېخنىكا ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە رۇسىيەگە ئوخشاش ھۇجۇم كۈچىگە ئېرىشكەن بولۇپ،  بۇنىڭ بىلەن خىتاي سۇ ئاستى پاراخوتى ئارقىلىق قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدىكى نىشانلارغا ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 20-ئۆكتەبىر بەشبۇرجەكلىك بىنا تەرىپىدىن ئامېرىكا پارلامېنتىغا سۇنۇلغان خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى دوكلاتتا، ئۆتكەن 18 ئاي ئىچىدە پاراخوت زاۋۇتىدا يېڭىلانغان ۋە رېمونت قىلىنغان سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ 093B تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا يادرو ھۇجۇمى قىلالايدىغان سۇ ئاستى پاراخوتى ئىكەنلىكى تۇنجى قېتىم دەلىللەنگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقى بۇلتۇر ئېلان قىلغان سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدە يېڭى ياكى ياخشىلانغان سۇ ئاستى پاراخوتى خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىدىكى خۇلۇداۋ پاراخوت زاۋۇتىنىڭ قۇرۇق پونكىتىغا توختىتىپ قويۇلغان بولۇپ، بۇ پاراخوتنىڭ چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرەلەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەنىدى.

بەشبۇرجەكلىك بىنانىڭ خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ھەققىدىكى دوكلاتىدا دېيىلىشىچە: خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قۇرۇقلۇققا ھۇجۇم قىلىش چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلىتىپ، سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە دېڭىز يۈزىدىكى نىشانلارغا يىراق مۇساپىلىك بومبا بىلەن زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھەربىي كۈچىنىڭ قارغا ئېلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلگەن.

مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ بۇ خىل تېخنىكىغا ئىگە بولۇشىنىڭ خەتەرلىك ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قوشنىلىرى ۋە باشقا دۆلەتلەرگە قىلىۋاتقان زوراۋانلىق ۋە يولسىزلىق قىلمىشىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1746 قېتىم كۆرۈلدى
26/10/2023 15:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق