ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاي-ھىندىستان مۇناسىۋىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ھىندىستان بىلەن تىركىشىۋاتقان ئەمەلىي كونترول سىزىقى (LAC) بويىدا داۋاملىق ئۇرۇش تەييارلىقى قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
بەشبۇرجەكلىك بىنا 23-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان «خىتاي ئارمىيەسى ۋە بىخەتەرلىك تەرەققىياتلىرى» ناملىق يىللىق دوكلاتتا، خىتاينىڭ ھىندىستان-تىبەت چېگراسىدىكى ئەمەلىي كونترول سىزىقىنى بويلاپ داۋاملىق ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان.
مەزكۇر يېڭى دوكلات خىتاينىڭ تالاش-تارتىشتىكى ئەمەلىي كونترول سىزىقى ئەتراپىدىكى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى داۋاملىق كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان بولۇپ، خىتاي قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان ھەربىي ئەسلىھەلەر يەر ئاستى ساقلاش ئامبارلىرى ۋە ئەسلىھەلىرى، يېڭى يول، تىك ئۇچار ئايروپىلان، كۆۋرۈك ۋە ئايرودۇرۇم قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇندىن باشقا خىتاي يەنە بۇتان تالاش-تارتىش رايونىدىكى يېڭى كەنتلەردىمۇ ھەرىكەت باشلىغان.
مەزكۇر دوكلاتتا يەنە خىتاي ئارمىيەسىنىڭ 2020-يىلى 6-ئايدا گالۋان ۋادىسىدا ھىندىستان ئارمىيەسى بىلەن چېگرادا توقۇنۇشقاندىن كېيىن، ئىزچىل تۈردە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن، LAC بويىدا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، 2020-يىلى گالۋان ۋادىسى توقۇنۇشى شەرقىي تۈركىستان-ھىندىستان چېگراسىدا ھىمالايا تېغىدىن ئۆتىدىغان ئۇل ئەسلىھە بەيگىسىنى قوزغىغان بولۇپ، گالۋان توقۇنۇشىدىن بۇيان، خىتاي 3488 كىلومېتىرلىق ئەمەلىي كونترول لىنىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان بىلەن تىبەت تەرىپىدىكى قۇرۇلۇشنى تېزلەتكەن ۋە ئەمەلىي كونترول لىنىيەسى ئەتراپىدىكى ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ