فىرانسىيە گېزىتى: شەرقىي تۈركىستاندا قورقۇنچلۇق باستۇرۇش يەنىلا داۋاملاشماقتا

«فىرانسىيە دۇنيا گېزىتى» 24-ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەخسۇس تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلدى.

مەزكۇر خەۋەرنى فىرانسىيە دۇنيا گېزىتىنىڭ مەخسۇس شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتكەن مۇخبىرى فرېدېرىك لېمېترې ئېلان قىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى قورقۇنچلۇق ۋەزىيەتنىڭ تەدرىجىي يوقىلىۋاتقاندەك كۆرۈنىدىغانلىقىنى، ئەمما قورقۇنچلۇق باستۇرۇشنىڭ يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ھېيتگاھ جامەسىدە ناماز ئوقۇش چەكلىنىپ، ساياھەت ئورنىغا ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

مۇخبىر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە: «ۋەزىيەت تىنچلاندى، ھەممە كىشى خاتىرجەم، دىنىي ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولغان ھالدا ياشىماقتا» دەپ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، خەۋەردە خىتاي رېجىمىنىڭ مۇخبىرلار ۋە چەت ئەللىكلەرگە نەچچە مىليون شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرىغا قاماش، ھەر تەرەپلىمىلىك باستۇرۇش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، قىرغىن قىلىش ئەھۋاللىرى يوقتەك تۇيغۇ بېرىشكە تىرىشىۋاتقانلىقى، بىراق ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىبادەت ۋە ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ چەكلەنگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، مۇخبىر ئالدىنقى جۈمە قەشقەردىكى مەشھۇر ھېيتگاھ جامەسىگە كىرگەن بولۇپ، ئۇ يۈزلىگەن خىتاينىڭ توپ-توپ بولۇپ ھېيتگاھ جامەسىگە كىرىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بولسىمۇ، ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن جامەگە كەلگەن بىرەرسىنى كۆرەلمىگەن.

مۇخبىرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆتكەن بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ھېيتگاھ جامەسىدە ناماز ئوقۇش، دۇئا-تىلاۋەت قىلىش توختىتىلىپ، نوقۇل ساياھەت ئورنىغا ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، جۈمە كۈنى جامەدە ناماز ئوقۇيدىغان ھېچكىمنى كۆرمىگەن مۇخبىر جامەنى نازارەت قىلىۋاتقان ئىككى ئەمەلداردىن: «جۈمە كۈنى نېمە ئۈچۈن جامەدە ناماز ئوقۇيدىغان كىشىلەر كۆرۈنمەيدۇ؟» دەپ سورىغان. سوئالدىن ئوڭايسىزلانغان ئىككى ئەمەلدار بۈگۈن دۇئا-تىلاۋەت يوق، دەپلا جاۋاب بەرگەن.

مۇخبىر داۋاملىق كۆزىتىش ئارقىلىق ناماز شام مەزگىلىدە تەخمىنەن 20 نەچچە ياشانغان ئەر ۋە بىر نەچچە ئايالنى كۆرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەسچىتكە كىرىشكە جۈرئەت قىلالمىغان.

مۇخبىر خەۋەردە يەنە قەشقەر شەھىرىدىكى ھاياتلىق نورمال داۋام قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن دۇكاندارلارنىڭ ئىلگىرىكىدەك قىزغىن خېرىدار چاقىرمايدىغانلىقىنى، كىچىك بالىلار ۋە ياشانغانلارنىڭ قايغۇلۇق كۆرۈنىدىغانلىقىنى، قىزلارنىڭ ھەممىسىنىڭ چېچى قىسقا قىلىپ كېسىلگەنلىكىنى، ئۇلارغا كۈلۈمسىرەپ ئەھۋال ئىگىلەشنى مەقسەت قىلغان ھامان ئۇلار بەزىدە ئىشارەت ئارقىلىق باشقىلارغا ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش ۋە پاراڭلىشىش چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

خەۋەردە يەنە خوتەن شەھىرىدىكى كونتروللۇقنىڭمۇ قاتتىق ئىكەنلىكى، ۋوگزالنىڭ 200 مېتىر ئىچىدە ھېچقانداق ماشىنىنىڭ يۈرۈشىگە يول قويۇلمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە يەنە شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىش-ھەرىكەتنىڭ چەكلەنگەنلىكى، قەشقەردىكى ھېيتگاھ جامەسىدىن باشقا ئەتراپتىكى بارلىق مەسچىتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تاقالغانلىقى، بىر نەچچە ياشانغان كىشىدىن باشقا ساقال قويغان ئەرلەرنى كۆرگىلى بولمايدىغانلىقى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، گەرچە خىتايلار چەت ئەلگە قايتا ساياھەتكە چىقىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئالالمايدىغانلىقى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قورقۇنچلۇق باستۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3157 قېتىم كۆرۈلدى
26/10/2023 12:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق