ھاماسنىڭ بۇ قېتىمقى ھەرىكىتىنىڭ پەردە ئارقىسىدا زادى كىم بار؟

ھاماسنىڭ بۇ قېتىمقى ھەرىكىتىنىڭ پەردە ئارقىسىدا زادى كىم بار؟

مىركامىل كاشىغەرىي

بىرىنچى قىسىم

ئىسرائىلىيەنى قوللىمىغانلىق، خىتاينى قوللىغانلىق بولامدۇ؟

بۇ سوئالغا بېرىلىدىغان ھەر قانداق جاۋاب ۋە ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەر قانداق ئانالىزلار ئوتتۇرىدا ھېچقانداق كونكرېت ئىسپات بولمىغان ھازىرقى ۋەزىيەتتە، سىياسەت ۋە ئىلمىيلىك نۇقتىسىدىن «كومپىلو تېئورى» (ئىسپاتسىز فانتازىيەلىك كۆز قاراش؛ سۇيىقەست نەزەرىيەسى) بولۇشتىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ.

ھاماسنىڭ بۇ قېتىقى ھەرىكىتىنىڭ پەردە ئارقىسى ھەققىدە مۇنداق تۆت خىل «كومپىلو تېئورى» ئوتتۇرىغا چىقماقتا:

1. رۇسىيە ئامېرىكانى بىرلا ۋاقىتتا ھەم ئۇكرائىناغا، ھەم ئىسرائىلىيەگە ياردەمگە يۈگۈرۈشتىن ھالسىرىتىش ئۈچۈن، شۇنداقلا ئۆزىگە ئۇكرائىنادىكى ئالدىنقى سېپىنى مۇستەھكەملىۋېلىش پۇرسىتى يارىتىش ئۈچۈن ھاماسنى ئۇرۇشقا كۈشكۈرتكەن.

2. ئىسرائىلىيە ھاماسنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، پەلەستىننى يۇمشاقباش مەھمۇد ئابباسنىڭ قورچاق ھاكىمىيىتى ئارقىلىق تولۇق كونتروللۇق قىلىش، ئاندىن زىيونىست ئېتىقادىدىكى «تەڭرىنى قىيامەتكە زورلاش» چوڭ ئۇرۇشىنى قوزغاش ئۈچۈن، يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بېرى مىڭلىغان پەلەستىنلىك ئايال ۋە كىچىك بالىلارنى تۈرمىگە تاشلاپ، مەسجىدى ئەقساغا كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، ھاماسنى غەزەپلەندۈرۈپ ئۇرۇشقا زورلىغان.

3. خىتاي ئوتتۇرا شەرقتىكى نوپۇزىنى كۈچەيتىش ۋە سىياسىي ھەرىكەت ساھەسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئىراننى ئىشقا سېلىپ، ھاماسنى كۈشكۈرتۈش ئارقىلىق بۇ ئۇرۇشنى قوزغاتقان. (بۇ كومپىلو تېئورىسى ئاساسلىقى غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۆپرەك ئەۋج ئالماقتا).

4. ئامېرىكا خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتە يۈكسىلىۋاتقان سىياسىي نوپۇزىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» لايىھەسى ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە نۇرغۇن مەبلەغلەرنى سېلىپ، رايوندا نوپۇز ھاكىمىيىتى تىكلىشىنى توسۇپ قىلىش ھەمدە تەخمىنەن 15 يىلدىن بېرى ئامېرىكىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىماي، خىتايغا ئامېرىكىنىڭ ئىلغار ھەربىي تېخنىكىلىرىنى يۆتكەپ بېرىۋاتقان، شۇنداقلا يېقىنقى تۆت يىلدىن بېرى شۇنچە كۈچەپمۇ ھاكىمىيەتتىن ئاغدۇرالمايۋاتقان نېتانياھۇنى يىقىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىرىنى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىرىش ئۈچۈن ھاماسنى ئۇرۇشقا كۈشكۈرتكەن ۋە ئۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئاق دېڭىزغا ئىككى ئاۋىياماتكا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئېنېرگىيە تىرانسپورتى ۋە ھەربىي ھاكىمىيىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىمەكچى بولغان.

كۆرۈۋاتقىنىڭلاردەك «كومپىلو تېئورى» ئاسان يالغانغا چىقارغىلى بولمايدىغان، ھەم ئىسپاتلىغىلىمۇ بولمايدىغان، خىيالىي، سىرلىق جەريانلارنى قوشۇپ، كونكرېت دەلىل-پاكىتنى ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ ئىشىنىش مايىللىقىنىلا ئۆزىگە ئاساس قىلىدىغان ۋە خەلقنى ئۆزىنىڭ خىيالىي قارىشىغا ئەگەشتۈرۈشنىلا مەقسەت قىلىدىغان تەتۈر تەشۋىقات تۈرى بولغانلىقى سەۋەبلىك، دۇنيادا ھېچبىر دۆلەت، ھېچبىر تەشكىلات، ھېچبىر سىياسەتچى، ھەتتا ئاز-تولا ئىلمىيلىكتىن نېسىۋە ئالغان ھېچبىر كىشى ئۆزىنىڭ مەۋقەسىنى «كومپىلو تېئورى»لارنى ئاساس قىلغان ھالدا بەلگىلىمەيدۇ. پوزىتسىيە ۋە مەۋقەسىنى كونكرېت دەلىل-پاكىت، ھەق ۋە ھەقىقەت ئۈستىگە قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىدۇ. ئەمما بارلىق دۆلەتلەر دېگۈدەك «كومپىلو تېئورى»لارنى خەلقنىڭ دىققىتىنى ئەسلى ھەقىقەتتىن بۇراش ياكى ھەقىقەتنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ ئۈنۈملۈك تەتۈر تەشۋىقات قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىپ كەلمەكتە. چۈنكى «كومپىلو تېئورى»لار ئارقىلىق پىكىر بۇرمىلاش ھەرىكەتلىرىگە دۇچار قىلىنغان جەمئىيەتتە، كىشىلەرنىڭ رېئاللىق ئېڭى كىرىزىسقا پاتقان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەقىقەتنىڭ «كومپىلو تېئورى»لار ئارقىلىق سىياسىي قۇتۇپلىشىشقا قۇربان قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرەلمەيدىغان ھالغا كېلىدۇ. ۋەھالەنكى، بىر جەمئىيەتنىڭ كۆز قاراش ئورتاقلىقى شەكىللىنىشى ئۈچۈن ئەقەللىيسى دۇنيا تونۇشى شۇنداقلا كۈلتۈر ۋە ئېتىقاد چۈشەنچە مەنبەسىمۇ ئورتاق بولۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئورتاقلىق ئىشقا ئاشمىغان جەمئىيەتلەردە بولسا «كومپىلو تېئورى»لار مۇستەبىت كۈچلەرگە نىسبەتەن ھەقىقىي مۇددىئاسىنى يوشۇرۇپ، خەلقنى يوقىلاڭ دەتالاشلارغا سېلىپ قويۇشتا تېپىلغۇسىز رول ئوينايدۇ.

ئەمما مىڭ ئەپسۇسكى، بىزنىڭ غەربتىكى ئىجارە ئاڭ ۋە ئىدىيەدىن باشقا ھېچ نەرسىسى بولمىغان، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈپ، شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق كۈرىشىنىڭ ئۇزۇن يىللىق سىياسىي ئىستىقبالىنى ھېسسىي ئەمەس، ئەمەلىي رېئاللىق نۇقتىسىدىن ئويلىشىشقا مەپكۇرە ئۇپۇقى تار كېلىدىغان بىلەرمەن ئۇنۋانلىق زىيالىيلىرىمىزنىڭ دۇنيا تونۇشى شۇنداقلا كۈلتۈر ۋە ئېتىقاد چۈشەنچە مەنبەسىنىڭ ئۆز خەلقىدىن ئاللىبۇرۇن ئاجراپ بولغانلىقى بىر ھەقىقەت. ھەتتا ئۇلار شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەنئەنە، ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستىكى دۇنيا قاراش، جۈملىدىن دۇنياۋى ھادىسىلەرگە بولغان قاراشلاردا بولسىمۇ خەلق بىلەن ئازراق ئورتاقلىق ھاسىل قىلىشنى خالاشتەك ئەقەللىي ئىلمىيلىكتىن ۋە سىياسىي ئاڭدىن مەھرۇم بولغاچقا، بۇ قېتىمقى ھاماس ۋەقەسىدىمۇ كونكرېت دەلىل-ئىسپاتى بولمىغان «كومپىلو تېئورى»لىرىنى مۇتلەق ھەقىقەت سۈپىتىدە خەلققە مەجبۇرىي تېڭىشقا ئۇرۇندى.

مېنى ئەڭ ئېچىندۇرغىنى بۇ ئاتالمىش بىلەرمەن زىيالىيلارنىڭ يەل بېرىشلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان، ئەمما مەسئۇلىيەتچانلىقى شۇنداقلا ھەم كىشىلىك، ھەم خىزمەت مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئەستايىدىللىقى بىلەن قەلبىمدە ئالاھىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان دولقۇن ئىيسا ئەپەندىنىڭ ئارقىدىنلا يېشى كىچىك بولسىمۇ، ھارماس ئاكتىپچانلىقى ۋە ئىنتىلىشچانلىقى بىلەن قەلبىمدە ياشلارغا ئۈلگە دەپ قاراپ كەلگەن سالىھ خۇدايارنىڭ «بىز ئىسرائىلىيەنىڭ سېپىدە، ئىسرائىلىيەنى قوللايمىز» دەپ ئېلان قىلغان بىتەلەيلەرچە باياناتلىرى بولدى. بۇنداق تەرەپباز باياناتلاردىكى چوڭ سىياسىي خاتالىقلار ھەققىدە ئايرىم توختىلىشىم مۇمكىن.

ئەسلى تېمىغا كەلسەك، دەرۋەقە زىيونىستپەرەس زىيالىيلىرىمىز خىتاينىڭ ھېچبىر يەردە «ھاماسنى قوللايمىز» دېگەن باياناتى يوقلۇقىنىمۇ ھېسابقا ئالماستىن، پەلەستىن بىلەن غەززەنى ئاڭسىزلارچە بىر بىرىگە ئارىلاشتۇرۇۋالغان ھالدا «خىتاي ھاماسنى قوللايدۇ، بىزمۇ ئىسرائىلىيەنى قوللايمىز» دېگەن بۇرمىلانما «كومپىلو تېئورى»لىرىنى ئاساس قىلىپ، ئۇرۇشنىڭ بىرىنچى كۈنىدىلا ئۇيغۇرلار نامىدىن پوزىتسىيە ۋە مەۋقەلىرىنى جاكارلاش مۇسابىقىسىگە چۈشۈپ كەتتى. ھەتتا ھېچبىر ئۇيغۇر تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ھاماسنى قوللايدىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلمىغانلىقىنىمۇ كۆرمەستىن، ئۆزلىرىچە «ئىسرائىلىيەنى قوللىمىغانلىق، خىتاينى قوللىغانلىق بولىدۇ» دېگەن سەپسەتىلىرىنى بازارغا سېلىپ، ئىسرائىلىيەنى قوللىمىغانلارنى «ھاماسچى»، «خىتاي جاسۇسى» دېگەندەك ئەخلاقسىزلارچە، سەۋىيەسىز ھاقارەتلەش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا سىياسىي قۇتۇپلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نەتىجىدە بۇ ئىشنىڭ ئارقىسىدا ئامېرىكىنىڭ بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ خىتاي يالاقچىسى نېتانياھۇ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن يېقىنقى تۆت يىلدىن بۇيان ئېلىپ بارغان سىياسىي كۈرەشلىرىنى، قىسقىسى ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن جىددىي سۈركىلىشلەرنى ئۆزلىرى ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان تۇرۇقلۇق كۆرەلمەسلىكتەك سىياسىي ئەمالىقىنى بىزلەرگە زورلاپ تاڭماقچى بولدى.

ئۆزلىرىنى ئەرشىئەلادا چاغلاپ، خەلققە ئاسماندىن قارايدىغان، ئۇنۋان يوغان بولسىمۇ، ئۇنۋانغا لايىق ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋە كەسپىي ئەخلاقتىن مەھرۇم ئاتالمىش زىيالىيلىرىمىزغا خىتاي-پەلەستىن-ھاماس مۇناسىۋىتىنى، شۇنداقلا نىتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى خۇش قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا قانداق ئېغىر خىيانەتلەرنى قىلغانلىقىنى بىز (تۈركىيەدىكى جاھىللار) تۈگەتمىسەك بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا بۇلاردىكى سىياسىي ئەمالىق ۋە بىلىمسىزلىك ئامېرىكىدا ئۆزلىرىنىڭ بېشىغا بالا بولۇپ قېلىشى، ھەتتا پالاتادا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ياردە قىلىۋاتقان، ئەمما زىيونىستلارنى ئىچىدە يامان كۆرىدىغان نورمال يەھۇدىي لوبىچىلىرى ۋە يەھۇدىي مىنىستىرلارنىڭمۇ غەزىپىنى قوزغاپ قويۇشى تۇرغانلا گەپ. چۈنكى بۇلار ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى كۆپ سانلىق يەھۇدىيلارنىڭ، شۇنداقلا ئەڭ كۈچلۈك يەھۇدىي لوبىيلىرىنىڭ نىتانياھۇ باشچىلىقىدىكى زىيونىست ھاكىمىيەتنى قوللىمايدىغانلىقى، ھەتتا يامان كۆرىدىغانلىقىدىن خەۋىرى يوقتەك قىلىدۇ.

خىتاي-پەلەستىن ۋە ھاماس مۇناسىۋىتى

سۆيۈملۈك زىيالىلىرىمىز! شۇنى قەتئىي بىر بىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ قويماڭلاركى، خىتاينىڭ «پەلەستىن مەسىلىسىدە ب د ت نىڭ 1967-يىلىدىكى ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى قوللايمىز» دېگەنلىكى ھەرگىزمۇ «ھاماسنى قوللايمىز» دېگەنلىكى ئەمەس. بەلكىم مەن دېمىسەممۇ بىلىدىغانسىلەر، پەلەستىندە ئاساسلىقى غەربپەرەس يۇمشاقباش مەھمۇد ئابباس باشچىلىقىدىكى پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ھۆكۈمىتى بىلەن ئىسمائىل ھانىيە باشچىلىقىدىكى ھاماس ھۆكۈمىتىدىن ئىبارەت ئىككى ھۆكۈمەت بار. مەھمۇد ئابباس ھۆكۈمىتىنى پەلەستىننىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى سۈپىتىدە خەلقئارادا يۈزلىگەن دۆلەت بۇرۇندىنلا ئېتىراپ قىلغان بولسا، ئىسمائىل ھانىيە باشچىلىقىدىكى ھاماس ھۆكۈمىتىنى ئاران ئونغا يېقىن دۆلەت ئېتىراپ قىلىدۇ. خىتاي مەھمۇد ئابباس ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلغان بىلەن ھاماس ھۆكۈمىتىنى ھېچقاچان ئېتىراپ قىلىپ باققان ئەمەس. شۇنىڭدەك خىتاينىڭ پەلەستىننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىشىمۇ يېڭى ئىش ئەمەس.

1964-يىلى 28-مايدا پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى رەئىسلىكىگە سايلانغان ئەھمەد شۇكايرى ماۋزېدۇڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 15 كىشىلىك ھەيئەتنى باشلاپ، 1965- يىلى مايدا خىتاينى زىيارەت قىلغان ۋە مازىدۇڭ: «ئىمپېرىيالىستلار خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىن ۋە ئەرەبلەردىن قورقايدۇ... سىلەر ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئالدىنقى دەرۋازىسى ۋە بىز بولساق ئارقا دەرۋازىسى. غەرب دۇنيانىڭ ھەممىدىن چوڭ قىتئەسى بولغان ئاسىيانى مۇستەملىكە قىلماقچى...» دېگەندەك يالتىراق سۆزلىرى بىلەن ئەھمەد شۇكايرىنىڭ قەلبىنى ئۇتۇپلا قالماستىن، پەلەستىننىڭ ئازادلىق كۈرىشىنىمۇ قوللايدىغانلىقى بىلدۈرگەن ۋە ئارقىدىنلا بېيجىڭدا 1965-يىلى مايدا پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ۋاكالەتخانىسى (ئىشخانىسى) ئېچىلغانىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن خىتاي بىلەن پەلەستىننىڭ رەسمىي مۇناسىۋىتى داۋاملاشماقتا.

ھىيلىگەر خىتاي ھاماسنى بولسا 2004-يىلى تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، 2006-يىلى ھاماس پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ، ھۆكۈمىتىنى قۇرۇپ چىققان ۋە ئىسلام دۇنياسىدا زور نوپۇزغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئىسلام دۇنياسىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، ھاماسنى تېررورلۇق تىزىملىكىدىن چىقىرىپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلىغان ۋە شۇ يىلى يەنە ئىسرائىلىيەگە پوپوزا قىلىپ، ئەرەبلەرگە شېرىن كۆرۈنۈش مەقسىتىدە، ھاماس ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەھمۇد ئەز زەھىرىيىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندىن باشقا، ھاماس بىلەن قايتا رەسمىي ئالاقىدە بولۇپ باقمىغان. بولۇپمۇ يېقىنقى 14 يىل ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ ئونلارچە قېتىملىق نارازىلىقىغا پىسەنت قىلمىغان خىتايپەرەس نىتانياھۇ سايىسىدا، خىتاي-ئىسرائىلىيە ھەمكارلىقى پەۋقۇلئاددە تەرەققىي قىلغاندىن كېيىن، مەككار خىتاينىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن، ھاماسنىڭ ھەر قېتىملىق ھەرىكەتلىرىدە ئىسرائىلىيەگە تەزىيە بىلدۈرۈپ، ھاماسنىڭ ھۇجۇملىرىنى ئىسىم بەرمەي ئەيىبلەپ كېلىۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتەي.

بۇ قىسقىچە چۈشەندۈرۈشتىن خىتاينىڭ «پەلەستىن مەسىلىسىدە ب د ت نىڭ 1967-يىلىدىكى ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى قوللايمىز» دېگەنلىكى ھەرگىزمۇ «ھاماسنى قوللايمىز» دېگەنلىكى بولمايدىغانلىقىنى ئاز بولسىمۇ چۈشىنىۋالغانسىلەر.

ئەمدى تۇزكورلۇقتا دۇنيادا تەڭدىشى بولمىغان، ئىككى يۈزلىمىچىلىك، ۋەدىسىدە تۇرماسلىق، ئالدامچىلىق ۋە خىيانەت، بولۇپمۇ شەخسىيەتچىلىكتىن ئىبارەت پۈتۈن دۇنياغا مەشھۇر مىللىي خاراكتېرىنى مىڭلىغان يىللاردىن بېرى يوقاتماي داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن، شۇڭلاشقىلا پۈتۈن تارىخى بويىچە بارلىق دىنلار ۋە مىللەتلەر تەرىپىدىن لەنەتلىنىپ، چەتكە قېقىلغان، بەلكىم شۇ ۋەجىدىن بولسا كېرەك، ئېتىقاد ۋە ئىدىيەسى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن قاتتىق ئۆچمەنلىك بىلەن تولۇپ تاشقان زىيونىست ئىسرائىلىيەنىڭ ئامېرىكىغا قىلغان خىيانەتلىرى ۋە خىتاي بىلەن قانداق ئاپاق-چاپاق بولغانلىقىغا كېلەيلى.

ئىككىنچى قىسىم

«بىر كىشىنىڭ ھەر ئاڭلىغىنىنى سۆزلەپ يۈرۈشى ئۇنىڭغا يېتەرلىك گۇناھتۇر» (مۇسلىم. مۇقەددىمە، 5)

ماقالىمىزنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىدە ئاساسلىقى«كومپىلو تېئورى»لىرى بىلەن خەلقنىڭ رېئاللىق ئېڭىنىڭ نابۇت قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا جاھىللارچە سىياسىي قۇتۇپلاشتۇرۇشقا ۋاسىتە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەنىدۇق. ئەمما زىيونىستلارنىڭ قارىغۇلارچە پىدائىيلىرىغا ئايلىنىشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىۋالغان كومپىلوچى سەرخىللىرىمىزنىڭ ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغانلىرى يەتمىگەندەك، خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ «كومپىلو تېئورىلىرى»نىمۇ ئۆز پىتى يۆتكەشتەك سىياسىي ئەمالىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئوتتۇرىغا يېڭى ئويدۇرما سېنارىيەلەرنى تۆكۈپلا قالماي، ئۆزىنىڭ قەلبىمىزدىكى ھۆرمىتىنىمۇ تۆكۈۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن، بۇ ھەقتە ئازراق توختىلىپ ئۆتۈشنى توغرا تاپتىم.

ئىسرائىلىيەنىڭ خىتاينى قانداق ھەربىي تېخنىكىلار بىلەن تەمىنلەپ، پۈتۈن دۇنياغا شىلتىڭ ئاتالايدىغان ۋە دۇنيانىڭ كۆزىگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ناتسىست لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا پەرۋاسىزلارچە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزەلەيدىغان ھازىرقى سەۋىيەگە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ قايسى ھەربىي شىركەتلىرىنىڭ قايسى ئىسرائىلىيە شىركەتلىرى بىلەن شېرىكلىشىپ، ئامېرىكىنىڭ قايسى شىركەتلىرىدىن قانداق تېخنىكا ئوغرىلىغانلىقلىرىنى، ئامېرىكىنىڭ شۇنچە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارىماي نىتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق ئارقا ئىشىكلەرنى ئېچىپ بېرىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقىغا شېرىك بولۇپ بەرگەنلىكىنى، ھەتتا خىتايغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنىمۇ ئاياغ-ئاستى قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئامېرىكىغا قانداق خىيانەتلەرنى قىلغانلىقىنى تەپسىلىي، دەلىل-پاكىتلىرى بىلەن چۈشەندۈرۈشنى بولسا، يازمىنىڭ ئۈچىنچى بۆلۈمىگە قالدۇرۇپ قويدۇم.

دەرۋەقە، دۇنيادا ھەرقانداق چوڭ ھادىسە يۈز بەرگەن ھامان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋە تېلېۋىزىيە ئېكرانلىرىدا ئونلىغان ھەتتا يۈزلىگەن ئويدۇرما سېنارىيە ۋە «كومپىلو تېئورى»لىرى بازارنى قاپلاشقا باشلايدۇ. ئادەم قايسىسىغا ئىشىنىپ، قايسىسىغا ئىشەنمەسلىكنى بىلەلمەي قايمۇقۇپ قالىدۇ. بۇنداق پىكىر بۇرمىلاشلار بىزگە ئوخشاش ئەڭ ئۇزۇن ئىشغالىيەتكە ئۇچرىغان ۋە ئەڭ ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈپ، پىسخولوگىيەسى ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كېتىۋاتقان مىللەتكە نىسبەتەن تېخىمۇ ھالاكەتلىك بولىدۇ. رېئال دۇنيادا ئەمەس، خىيال دۇنياسىدا ياشايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ، ئۈمىدسىزلىكىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. بولۇپمۇ خەلقنى پىكرى چېچىلاڭغۇلۇقلاردىن مەپكۇرە بىردەكلىكىگە، مەتۇلاچە خىيالپەرەسلىكتىن مەۋقەسى مۇستەھكەم رېئاللىق ئېڭىغا يېتەكلەش مەجبۇرىيىتى بولغان سىياسىي رەھبەرلەر ۋە سەرخىللارنىڭ خۇسۇسىي غۇم، مەلۇم گۇرۇپپىلارغا بېگىز سانجىۋېلىش ياكى بۇرنىنىڭ ئۇچىدىكى كىچىككىنە مەنپەئەتنى دەپ، ئويدۇرما سېنارىيە ۋە «كومپىلو تېئورى»لىرىنى ئاساس قىلغان كونسېرۋاتىپ مەيدان ۋە باياناتلارنى ئېلان قىلىشى، ھەتتا قارشى پىكىردىكىلەرنى ئىلمىي دەلىل-پاكىت بىلەن قايىل قىلىپ، ئۆزىگە تارتىشنىڭ ئورنىغا ئەخلاقسىزلارچە ھاقارەتلەپ ھۇجۇم قىلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئاجىز ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزنى تېخىمۇ سەرسانچىلىققا سۆرەيدۇ.

شۇنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز لازىمكى، «بۇنىڭ كەينىدە ئۇ دۆلەت بار، ياق بۇ دۆلەت بار» دېگەندەك بۇ خىل ئويدۇرما سېنارىيە ۋە «كومپىلو تېئورى»لىرىنى قانداقتۇر بىرەر دۆلەتكە ئەمەس، ھەتتا ئادەتتىكى شەخسىلەرگە باغلاپمۇ، ‏‏«پالانىنىڭ ھامماچىسى پالانى يەردە ياشايدۇ، پوكۇنىنىڭ خوتۇنى پوكۇنى مىللەتتىن، ئاجايىپ تەسىر كۈچى بار، ياكى پۇستانى ماۋۇ دۆلەتتە تەربىيەلەنگەن» دېگەندەك ئىسپاتسىز خىيال مەھسۇلاتلىرى بىلەنمۇ ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ.

بۇنداق سېنارىيەلەرنى ھەتتا سىياسىي قاراتمىلىقى يۇقىرى ئۆكتىچى ئىجتىمائىي تاراتقۇ قاناللىرىدىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. چۈنكى بىز تەتۈر تەشۋىقات، يالغان خەۋەر ئۇرۇشى ئەڭ كەسكىن بولۇۋاتقان بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز. بۇنداق چاغلاردا ئاز-تولا ئىلمىيلىكتىن خەۋىرى بولغان ۋە سىياسىي ئېڭى تاشقى پىلانېت ئۇرۇشىنىڭ فانتازىيەلىرىنى ئەمەس، رېئال دۇنيانى ئاساس قىلىدىغان كىشىلەر چوقۇم «قېنى نىكاھ كىنىشكىسى؟ نىكاھىغا سەن ئىماملىق قىلغانمۇ؟ قولىڭىزدا راست شۇنداقلىقىغا دائىر كونكرېت ئىسپاتىڭ بارمۇ؟ ئۇ كىشىنىڭ كىملىكى ياكى پاسپورتىنى كۆرسىتەلەمسەن؟ ئاددىي پەلەستىن پۇقراسى ئەمەس، ھاماسچى ئىكەنلىكىنى نېمە بىلەن ئىسپاتلايسەن؟ ئەگەر ئىسپاتلىغان تەقدىرمۇ شۇ بىر كىشىنىڭ خىتاي خوتۇن ئالغانلىقىنىلا ئاساس قىلىۋېلىپ، بۇ ئۇرۇشنى خىتاي چىقارغان، دېگىلى بولامدۇ؟ بۇ دېگەنلىرىڭ راستتىنلا ئىسپاتلىق ھەقىقەت بولسا، سەندىن ئىلگىرى نېمە ئۈچۈن ئىسرائىلىيە ياكى ئامېرىكا خىتايغا قارشى رەسمىي دىپلوماتىك نوتا ‏‏(ئەيىبنامە) ئېلان قىلمىدى؟» دېيىشكە توغرا كېلىدۇ.

«ۋاي پالانى تېلېۋىزىيە، پالانى ژۇرنالىست شۇنداق دېگەن بولسا، راست ئوخشايدۇ» دېمەستىن، «بۇ ھۇجۇمنىڭ ئارقىدا راستتىنلا شۇ كىشىنىڭ، ياكى ئامېرىكىنىڭ، ياكى خىتاينىڭ ۋە ياكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ قولى بارلىقىغا دائىر كونكرېت دەلىل-پاكىت بارمۇ؟ ئاشكارىلانغان ئاۋاز لېنتىسى، سىنلىق كۆرۈنۈشى ياكى كېلىشىم، ھۆججەتلىرى قېنى؟ كىم قەيەردە، قايسى گېنېرال قايسى قوماندان بىلەن بۇ پىلاننى تۈزگەن؟ قايسى رەھبەر شۇ بۇيرۇقنى قانداق چۈشۈرگەن؟» دېگەندەك ئەمەلىي پاكىتلارنى تەلەپ قىلىشنى ئادەتلەندۈرۈش، ئەگەر بولمىسا ئۇنداق ئويدۇرمىلارغا مېڭە ئۇپرىتىپ، ئاۋارە بولماسلىقتەك رېئاللىق ئېڭىنى خەلقىمىزگە ئومۇملاشتۇرۇش تولىمۇ مۇھىم.

دېمىسىمۇ، بەزى سېنارىيە ۋە «كومپىلو تېئورى»لىرى دەماللىققا خىتاينى يامان كۆرسىتىشكە يارايدىغاندەك كۆڭلىمىزگە ياقسىمۇ، ئەمما كونكرېت دەلىل-پاكىتى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك، بۇ سەزگۈر ئۇچۇر دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنى بىر دەمدىلا يالغانچىغا چىقىرىپ، خەلقئارادىكى ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشتەك ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مەسىلەن: مەن «خىتاينىڭ تېررورلۇق نەيرەڭۋازلىقى» ناملىق پۈتۈش ئالدىدا تۇرغان تۈركچە ماقالەمدە 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنى خىتايغا چېتىش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئەلقائىدەگە قىلغان ياردەملىرىگە ۋە پاكىستان ئىستىخباراتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئوينىغان ئويۇنلىرىغا، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئەلقائىدەگە قىلغان ئىقتىسادىي ياردەملىرىنىڭ مىقدارى ۋە بۇ پۇلنىڭ قەيەردە ئىشلىتىلگەنلىكىگە دائىر نۇرغۇن كونكرېت دەلىل-پاكىتلارنى توپلىغانىدىم. بۇ جەرياندا 400 دىن ئارتۇق يارىدار بولغان ئەلقائىدە ئەزاسىنى خىتاينىڭ ئايروپىلان بىلەن يۆتكەپ داۋالىغانلىقىغا دائىر بىر خەۋەرنى ئۇچرىتىپ، گويا گۆھەر تېپىۋالغاندەك خۇش بولغان ئىدىم. ئەمما كەسپىي ئەخلاق نۇقتىسىدىن بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنىمۇ تەكشۈرۈشۈم كېرەك ئىدى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە خەۋەرنىڭ راستلىقىنى، لېكىن ئافغانىستاندا خىتاي بىلەن ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى بىرلىكسەپ قۇرغان چاغدا، يەنى ئامېرىكىمۇ ئەلقائىدەنى بولۇشىغا قوللاۋاتقان چاغدا بولغان ئىش ئىكەنلىكىنى يىل، ئاي، چېسلاسى بىلەن ئۇچراتقان ۋاقتىمدا بېشىمغا سوغۇق سۇ تۆكۈلگەندەك بولدى ۋە ماقالەمدىن يارىدار يۆتكەش قىسمىنى چىقىرىپ تاشلاشقا مەجبۇر بولدۇم. ئۇسامە بىن لادىن مۆكۈپ يۈرگەن چاغلاردا غۇلجىدا بىر جامىدا جۈمە نامىزىغا ئىمام بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا سۆزلىگەن خۇتبىسىنىڭ رەسمىي نوپۇزلۇق گېزىتلاردا خەۋەر قىلىنغانلىقىنى كۆرگەن جەريانىمنى دېمەيلا قوياي.

دەرۋەقە، ئامېرىكا ئۆزى پەلەستىنگە تىكلىگەن غەربنىڭ ئاپشاركىسى مەھمۇد ئابباسنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى خىتايدا ئېلان قىلغان باياناتىنى ئاساس قىلىۋېلىپ، دونكىخوتقا ئوخشاشلا ھاماسنى خىيالىي دۈشمەن قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلار مەھمۇد ئابباسقا ئەڭ كۆپ نارازىلىق بىلدۈرۈپ غەززە كوچىلىرىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ نامايىشى قىلغانلارنىڭ دەل ھاماس ئىكەنلىكىنى، ھاماسنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، پەلەستىن دەۋاسىنىڭ بولسا، يالغۇز ئىشغالىيەتتىكى ۋەتەننى قۇتقۇزۇش دەۋاسى ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئار-نومۇسى ۋە ئۈچىنچى ھەرىمى بولغان بەيتۇل مۇقەددەس دەۋاسى ئىكەنلىكىنىمۇ مىڭ چۈشەندۈرگەن بىلەن بۇلار چۈشەنگىلى ئۇنىمايدۇ. چۈنكى بۇلارنىڭ غېمى نە ئىسرائىلىيەنى قوللاش ياكى پەلەستىن ئەمەس، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پىكرىي يېقىنلىق پەيدا قىلىش ئەسلا خىيالىغا كىرىپ چىقمايدۇ، پەقەت ۋە پەقەت شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ئىسلامىي قانىتىغا بولغان زەھىرىنى چېچىۋىلىشتىن ئىبارەت ئىچىدىكى غۇمنى ھەر خىل «كومپىلو تېئورىلىرى»غا يۆگەپ بازارغا سېلىشنىلا مەقسەت قىلىدۇ، دېيىشكە مەجبۇرمىز.

ماقالىنىڭ بېشىدىلا ئېيتقىنىمىزدەك، ھاماسنىڭ بۇ قېتىمقى ھۇجۇمىنىڭ پەردە ئارقىسى ھەققىدە ھېچقانداق كونكرېت دەلىل-ئىسپات بولمىغان ھازىرقى ۋەزىيەتتە، ئىشلارغا مۇتلەق رېئاللىقنى ئاساس قىلغان ھالدا مۇئامىلە قىلالىشىمىز ۋە پوزىتسىيە، مەۋقىيىمىزنى مەدەنىي دۇنياغا ئوخشاش نەق پاكىت، ھەق، ئادالەت ۋە ئەڭ مۇھىمى مىللىي قىممەت قارىشىمىز ئاساسىدا قۇرۇپ چىقالىشىمىز لازىم. ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكىغا ئوخشاش ئىستىخباراتى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەرمۇ «بۇ ئىشنىڭ ئارقىسىدا پالانى دۆلەت بار» دەپ رەسمىي دىپلوماتىك نوتا (ئەيىبنامە) ئېلان قىلمىغان، ھەتتا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىمۇ شۇ دۆلەت رەسمىي ئەيىبلەنمىگەن ھازىرقى ئەھۋالدا، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ رەسمىي باياناتلىرىغا تايانماقتىن باشقا چارىمىز يوق.

ھاماسنىڭ رەھبىرى خالىد مەشئەل تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا، 70 يىلدىن بېرى غەززەدە رەسمىي ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، دۇنيانىڭ بولسا يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە توختىماي قىلىۋاتقان بومباردىمانلىرىنى ۋە نەچچە مىڭلىغان ئايال، كىچىك بالىلارنى قىرغىن قىلغانلىقىنى كۆرمەسكە سېلىپ، ئۇكرائىنا مەسىلىسى بىلەنلا بولۇپ كەتكەنلىكىنى، شۇڭا دۇنيانىڭ دىققىتىنى پەلەستىن مەسىلىسىگە تارتىش ۋە خەلقئارا كۈچلەرنى جىددىي ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا مەركەزلەشتۈرۈش، شۇنداقلا ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرىپ، مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن بۇ ھۇجۇمنى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خالىد مەشئەل مۇھاسىرە ئاستىدىكى غەززەدە خەلقنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈرمىدىن بەتتەر ھايات كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلسۇن قىلمىسۇن، ئىسرائىلىيە تاجاۋۇزچى قىسىملىرىنىڭ ھەر يىلى نەچچە ئونمىڭلىغان پەلەستىن پۇقراسىنى ئولتۇرۇپ، نەچچە مىڭلىغان ئايال ۋە كىچىك بالىلارنى سەۋەبسىز تۈرمىگە تاشلاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنداق ۋەزىيەتتە يېتىپ ئۆلۈشنىڭ ئورنىغا ئۇرۇش قىلىپ شېھىت بولۇشنى تاللىغانلىقىنى ئېيتتى.

ژۇرنالىست مەھمەت ئاكىفنىڭ «ھاماس ئۇزۇن يىللاردىن بېرى پۈتۈن غەرب دۇنياسىدا ‹پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلمايدۇ› دېگەن ياخشى بىر ئوبرازنى يارىتىپ بولغان تۇرۇقلۇق، بۇ قېتىم نېمە ئۈچۈن پۇقرالارغىمۇ ھۇجۇم قىلىپ، ئۆز ئوبرازىغا زىيان سالىدۇ؟» دېگەن سوئالىغىمۇ جاۋاب بەرگەن خالىد مەشئەل: «بىز ئىشەنگەن ئىسلام دىنى بىزنى پۇقرالارنى ئۆلتۈرمەسلىككە بۇيرۇيدۇ ۋە ئەسكەرلىرىمىزمۇ بۇنىڭغا قەتئىي رىئايە قىلىپ كەلمەكتە. بىزنىڭ پۇقرالارغا چېقىلىش نىيىتىمىز ياكى پىلانىمىز يوق ئىدى. بىزگە كەلگەن ئىستىخباراتقا بىنائەن، ئۇ يەردە ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قوماندانلىرى بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەسكەرلىرىمىز يېتىپ بارغاندا ئىسرائىلىيە قوماندانلىرى غايىب بولدى. شۇ ئەسنادا ئىسرائىلىيە تەرەپ بىلەن قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى. توقۇنۇشتا خاتا ھالدا بەزى ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىمۇ ئۆلدى. بۇ ئۇرۇش بۈگۈن باشلانغان ئۇرۇش ئەمەس، 70 يىلدىن بېرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان بىر ئۇرۇش. ئۇرۇش دېگەندە بەزىدە خالىمىسىڭىزمۇ پۇقرالار ئۆلۈپ كېتىدىغان خاتالىقلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

بۇلار خالىد مەشئەلنىڭ باياناتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھۇجۇمنىڭ قانداق باشلانغانلىقىغا دائىر مېنىڭ چىقارغان خۇلاسەم. 15 يىللىق رەسمىي ژۇرنالىستلىق تەجرىبەمگە تايىنىپ شۇنى كېسىپ ئېيتالايمەنكى، ھاماسنىڭكىگە ئوخشاش بۇنداق ھۇجۇملار ئومۇمەن ئۆزىنىڭ مۇستەقىل پىلانى بىلەن باشلىنىدۇ. ۋەقە يۈز بېرىپ بولغاندىن كېيىن دۇنيانىڭ چوڭ ئاكتىيورلىرى ۋە خىتايغا ئوخشاش پوق قۇرتلىرى شۇ ۋەقە ئەتراپىغا توپلىشىپ، ۋەقەنى قانداق قىلغاندا ئۆزىگە پايدىلىق ھالغا كەلتۈرۈشنىڭ پىلانىنى قۇرىدۇ. رەزىل نىيەتلىرىنى يوشۇرۇش ۋە ئۆزئارا سۆڭەك تالىشىش ئۈچۈن ھەر خىل سېنارىيە، ‏«كومپىلو تېئورى» ۋە يالغان خەۋەرلەر بىلەن بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلىشىپ، خەلقنىڭ دىققىتىنى باشقا تەرەپكە بۇراشقا تىرىشىدۇ.

بۇنداق خەلقئارالىق چوڭ ۋەقەلەردە ھەر كىمنىڭ خۇسۇسىي مەۋقەسىنى بەلگىلەش ۋە جاكارلاش ئەركىنلىكى بار، ئەلۋەتتە. قانۇنسىز ئىشغالىيەتچى ئىكەنلىكىگە دائىر ب د ت دا سەككىز قېتىم قارار ماقۇللىنىپ بولغان، ھەتتا ئىشغال رايونىدا پەلەستىنلىكلەرنى مەجبۇرىي ئۆيلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، يەھۇدىيلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا ئونلىغان قېتىم ب د ت نىڭ ئەيىبلەشلىرى ۋە چاقىرىقلىرى ئېلان قىلىنىپ بولغان، لېكىن ھېچبىرىگە رىئايە قىلماستىن، پەرۋاسىزلارچە پەلەستىنلىكلەرنى قىرغىن قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان قانخور ئىشغالىيەتچى ئىسرائىلىيەنىڭ سېپىدە تۇرۇش تۇرماسلىق تامامەن سىزنىڭ ئادالەت ئېڭىڭىزغا، ۋىجدانىڭىزغا ۋە قىممەت قارىشىڭىزغا قالغان بىر ئىش.

ئەمما سىياسىي نۇقتىدىن ۋەكىللىك قىلىۋاتقانلىرىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئوبرازىغا زىيان سالىدىغان باياناتلارنى ئېلان قىلىش، خىتاينىڭ «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق پۈتۈنلەي ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ ئويۇنى» دېگەن تەتۈر تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق، بىزنى ئۆزىمىزنىڭ رايونى بولغان تۈرك-ئىسلام جۇغراپىيەسىدە يېتىم قالدۇرۇش نەيرەڭلىرىگە كوزىر تەييارلاپ بېرىش، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئۆزىنىڭ رايونىدا سىياسىي كىملىك ۋە ئوبراز بەرپا قىلىشنىڭ ئەكسىچە، ئېتىبارىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش بولسا يىراقنى كۆرەلمەس سىياسىي يەكچەشمىلىكلا ئەمەس، بەلكى ئېغىر سىياسىي جىنايەتتۇر.

قاچانلا قارىسا گېئوئىستراتېگىيە (جۇغراپىيەلىك ئىستراتېگىيە)، گېئوپولىتىكا (جۇغراپىيەلىك سىياسەت) دېگەن دەبدەبىلىك سۆزلەرنى ئېغىزلىرىدىن چۈشۈرمەي كېلىۋاتقان سەرخىللىرىمىز شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيەسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ۋە كەلگۈسىدە رەسمىي مۇستەقىللىق كۆرۈشى ئېلىپ بېرىلىدىغان جايلارنىڭ دەل تۈرك-ئىسلام جۇغراپىيەسىدە ئىكەنلىكىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىنىشى كېرەك. ھەرىكەت دائىرىمىزنى ۋەتەن چېگراسىغىچە كېڭەيتىشكە ۋە شۇ رايونلاردا ئاكتىپ ھالغا كەلتۈرۈشكە مەجبۇر ئىكەنلىكىمىزنى، جۈملىدىن دەۋايىمىزنىڭ ئامېرىكىدىكى ياكى غەربتىكى مەنپەئەتىنىلا ئەمەس، شەرقتىكى مەنپەئەتىنى ۋە ئوبرازىنىمۇ بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشىمىز كېرەكلىكىنى، ئۇنداق بولماي ئىلگىرىكىدەكلا سىياسىي يەكچەشمىلىكنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىدىغان بولساق، شەرقتىكى دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىنى بۇرۇنقىدەكلا يەنە قولدىن بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىدىغانلىقىمىزنى ئەستە تۇتايلى!

«يەكچەشمىنىڭ شەھىرىگە بارساڭ، بىر كۆزۈڭنى قىس» دېگەن ئېزىلەڭگۈلۈكنى دەستۇر قىلىۋېلىپ، مىللىي قىممەت قاراشلىرىمىزغىمۇ بىر كۆزىمىزنى قىسىۋېلىپ يۈرۈۋېرىشتەك سىياسىي زابويلىقىمىزنى ئەمدى تاشلايلى!

دۇنيادا ھېچقانداق دۆلەت بىزنىڭ مەڭگۈلۈك دوستىمىز ياكى مەڭگۈلۈك دۈشمىنىمىز ئەمەس. بۈگۈن بىزنى قوللاپ خىتاينى ئەيىبلىگەنلەر كېيىن بىزنى ئەيىبلەيدىغان بولۇشى، ياكى بۈگۈن خىتاينى قوللاپ بىزنى ئەيىبلىگەنلەر كېيىن بىزنى قوللايدىغان بولۇشى تامامەن مۇمكىن. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز قوللىمىغانلارنى تىللاپ، تۇل خوتۇندەك ماي تارتىپ، ئارىنى ئېچىش ئەمەس، بەلكى شۇلارنى ئۆزىمىزگە دوست قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ ئەستايىدىل خىزمەت قىلىشتۇر. بىزنى قوللىمىغانلارغا قاراتقان تەشۋىقات خىزمىتىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە تىرىشىشتۇر. باشقىلارنى بەزدۈرۈش ئەمەس، ھەتتا بىر كىشىنىمۇ بولسىمۇ ئۆزىمىزگە تارتىش دەل شەرقىي تۈركىستان ئىستراتېگىيەسىنىڭ تەقەززاسى بولۇشى لازىم.

داۋامى بار...

بۇ خەۋەر 1371 قېتىم كۆرۈلدى
26/10/2023 11:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق