خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئەندىشىسى سەۋەبلىك، ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينىڭ ئىككى ئۆلكىسىدىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر تۈركۈم ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى بايدېن ھۆكۈمىتىدىن كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش ئەندىشىسى سەۋەبىدىن خىتاينىڭ ئىككى ئۆلكىسىدە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار يەنە مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاسىتىسى بىلەن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرى بىلەن سودا قىلىشىنى چەكلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش سەۋەبىدىن خىتاي ماللىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشتىكى ئەڭ يېڭى تىرىشچانلىقى بولۇپ، شۇ سەۋەبلىك سودا ۋە باشقا مەسىلىلەردە خىتاي بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بارغانچە جىددىيلەشكەن.
ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات نىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «بېلىقچىلىق ئەترىتى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلدى. خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالدى» دېگەن.
كومىتېتنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ جازا ئامېرىكىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدىغان قانۇنلىرىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەن.
يېقىندىن بېرى خىتاي ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، جازا لاگېرىغا سولاپ باستۇرۇش ۋە دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىدىن تېنىشقا مەجبۇرلاپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكتە. ئۇندىن باشقا خىتاي يەنە ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىپ، خىتاي زاۋۇتلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سالماقتا. گەرچە بۇ ھەقتە نۇرغۇنلىغان دوكلاتلار ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي رېجىمى بارلىق جىنايى قىلمىشلىرىدىن ئىزچىل تېنىپ كەلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ