خىتاي يەر شارى تورى چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ «خىتاي ئالتە ئۇرۇش پاراخوتىنى ئوتتۇرا شەرققە بىرلا ۋاقىتتا ئەۋەتتى» دېگەن خەۋىرىگە رەددىيە بېرىپ، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ دېڭىزدا قوغدىنىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 24-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئالتە ئۇرۇش پاراخوتى ئوتتۇرا شەرقتە بىرلا ۋاقىتتا پەيدا بولۇپ، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى سەۋەبلىك ئامېرىكا تەرىپىدىن رايونغا ئەۋەتىلگەن ئىككى ئاۋىياماتكىغا جەڭ ئېلان قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر يېقىندا چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ليۇ پېنيۈ بۇنىڭغا رەددىيە بەرگەن.
«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتاي ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرى 23-ئۆكتەبىر مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنىڭ ئېنىقلا ھەددىدىن زىيادە مۇبالىغە قىلىنغانلىقىنى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ تەشۋىقاتىنىڭ نە پاكىتنى نەزەرگە ئالمىغانلىقىنى، ھەم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمىغانلىقىنى دەۋا قىلىشقان.
خىتاي خەۋىرىدە يەنە چەت ئەل تاراتقۇ خەۋەرلىرىنىڭ ئاساسى يوقلىقىنى، ئەمەلىيەتتە خىتاي ئارمىيەسىنىڭ بۇ ئالتە ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ئادېن قولتۇقى ۋە سومالى قولتۇقىدىكى ئىككى قوغدىغۇچى گۇرۇپپا ئىكەنلىكىنى، بۇلار شەندۇڭ پاراخوتى، جىڭجو پاراخوتى، چيەنداخۇ پاراخوتى، ئۈرۈمچى پاراخوتى، لىينىي پاراخوتى ۋە دوڭپىڭخۇ پاراخوتىدىن تەشكىللەنگەن 45-قېتىملىق قوغدىغۇچى ئەترەت ئىكەنلىكىنى، بۇ پاراخوت ئەترىتىنىڭ 2008-يىلىدىن باشلاپ تەرتىپلىك ھالدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ پاراخوت ئەترىتىنىڭ خەلقئارا دېڭىز ئوكيان بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە خىتاي نۆۋەتتىكى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدە پەلەستىن تەرەپتە ئىكەنلىكىنى جار سېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ بۇنىڭدا پەقەت ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىنى ئالداشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقى، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭمۇ ئىنتايىن قويۇق ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ئىسرائىلىيەنىڭ ئامېرىكا ئۆتۈنۈپ بەرگەن يېڭى تېخنىكىلارنى خىتايغا ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىكى ھەققىدە كۆپلىگەن خەۋەرلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىققان. ئۇندىن باشقا خىتاي ئىسرائىلىيەنىڭ دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ سودا ھەمراھى بولۇپ، پەلەستىن خەلقىنى قوللايدىغانلىقىنى قۇرۇق سۆزلىرى بىلەنلا ئىپادىلەپ كەلگەن.
خىتاي مۇلازىمەت سودا يېتەكچىسى تورىنىڭ بۇلتۇر 24-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سەي رۇن خىتاي-ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان سۆزىدە، 1992-يىلى 24-يانۋار خىتاي بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تۇنجى يىلى سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ئاران 50 مىليون دوللار ئىكەنلىكىنى، 2022-يىلى بولسا 22 مىليارد 800 مىليون دوللارغا يېتىپ، دەسلەپكى ۋاقىتتىكىگە سېلىشتۇرغاندا 400 ھەسسە ئاشقانلىقىنى، خىتاي ئىسرائىلىيەنىڭ ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى ۋە خەلقئارادىكى ئىككىنچى چوڭ سودا شېرىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ