خىتاي غەرب ئەللىرىنى قىلتاققا دەسسىتىشكە ئۇرۇنماقتا

شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا ئەللىرىنى ئالداپ كېلىۋاتقان ۋە بۇ جەھەتتە بەلگىلىك نەتىجە قازاندۇق، دەپ قاراۋاتقان خىتاي رېجىمى نۆۋەتتە غەرب ئەللىرىنى قىلتاققا دەسسىتىش ھەرىكىتىگە ئۆتكەن بولۇپ، شىۋېيتسارىيەدىكى خىتايغا يېقىن شەخسلەرنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدۇرغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رېجىمى 16-ئۆكتەبىردىن 20-ئۆكتەبىرگىچە، شىۋېيتسارىيەدىكى خىتايپەرەسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدۇرغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى، قەشقەر شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق رايونلاردا بەش كۈن ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرغان.

زىيارەتچىلەر ئىچىدە شىۋېيتسارىيە بېرىن سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، خىتاي مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى بايئاد شىنايدېرمۇ بار بولۇپ، خىتاي رېجىمى زىيارەت جەريانىدا ئۇيغۇر ناۋايلىرىنى، ئاتالمىش «قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون» دەپ ئاتىۋالغان جايلارنى ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەت قىلىدىغان يېرىدىن بەكرەك ساياھەتچىلەرنىڭ زىيارەت ئورنىغا ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن ھېيتگاھ جامەسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرغان.

زىيارەت داۋامىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندا سۆز قىلغان ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ گۇيشياڭ: «بۈگۈنكى شىنجاڭدا جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى» دەپ بىلجىرلىغان.

زىيارەتچىلەر ئىچىدە شىۋېيتسارىيە مۇستەقىل تاراتقۇسى «يېڭى شىمال» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى ناتالىي بېنالىمۇ بار بولۇپ، خىتاينىڭ كۆز بويامچىلىق ئۈچۈن تەييارلىغان ئورۇنلارنى كۆرگەندىن كېيىن خىتاينىڭ كۈتكىنى بويىچە: «مەن شىنجاڭنىڭ جەلىپكارلىققا تولغان جاي ئىكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم» دېگەن.

خىتاي رېجىمى ئىسلام دۇنياسى ۋە غەرب ئەللىرىدىن ھەرخىل ناملار بىلەن ئۆمەك تەشكىللەپ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ پۈتۈنلەي قوغدالغانلىقىنى، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تاشقى دۇنياغا جار سالسا، ئىچكى تەشۋىقاتتا ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش»، «دىننى سوتسىيالىزمغا بويسۇندۇرۇش» دېگەندەك سەپسەتىلەر بىلەن ھەر تەرەپتىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3152 قېتىم كۆرۈلدى
25/10/2023 12:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق