غەرب دۆلەت رەھبەرلىرى ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توغرىسىدا سىنلىق يىغىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىندا ئىسرائىلىيەنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن مەزكۇر ئەمەلدارلار ئىسرائىلىيەنى پۇقرالارنى قوغداشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا چاقىرغان.
مۇستەقىل تورىنىڭ 23-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توغرىسىدا سىنلىق يىغىن ئاچقان بولۇپ، تور يىغىنىغا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن، كانادا باش مىنىستىرى جاستىن تىرۇدو، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانوئېل ماكرون، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولېف شۇلز، ئىتالىيە باش مىنىستىرى گىئورگىيا مېلونى ۋە ئەنگلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناك قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلغان. يىغىن ئاخىرىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ھاماسنىڭ ئىككى ئەسىرنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، قالغان ئەسىرلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇلار باياناتىدا يەنە ئىسرائىلىيەنى پۇقرالارنى قوغداشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا چاقىرغان. ئۇندىن باشقا غەرب ئەمەلدارلىرى يەنە رايوندا قېلىشنى خالايدىغان ياكى غەززە رايونىدىن ئايرىلىشنى خالايدىغان پۇقرالارغا ياردەم بېرىش تىرىشچانلىقىنى تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن.
غەرب ئەمەلدارلىرى باياناتىدا ئېھتىياجلىق پەلەستىنلىكلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن رايونغا تۇنجى ئىنسانپەرۋەرلىك ماشىنا ئەترىتىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ رايوندىكى شېرىكلىرى بىلەن داۋاملىق ماسلىشىپ، يېمەكلىك، سۇ، سەھىيە مۇلازىمىتى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل ياردەملەرنىڭ سىجىل ۋە بىخەتەر بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
ئەلجەزىرە تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئىسرائىلىيە ھەممە تەرەپ قامال قىلىنغان غەززەنى توختىماي بومباردىمان قىلىۋاتقانلىقى، ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى بومباردىمان قىلىشىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ 436 گە يەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 182 سىنىڭ كىچىك بالىلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
نۆۋەتتە ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 5300 دىن ئاشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ %70 دىن كۆپرەكى كىچىك بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلار ئىكەن. غەززە سەھىيە تارماقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغىچە 830 كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىز-دېرىكى بولمىغان 1500 دىن ئارتۇق كىشى تىزىملانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ خارابىلىك ئاستىدا ئىكەن.
ب د ت ئىنسانىي خىزمەتلەر ئىشخانىسىنىڭ يازما باياناتىدا، غەززەدە يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان كىشىلەر سانىنىڭ 1 مىليون 400 مىڭغا يەتكەنلىكى ئېلان قىلىندى. شۇنداقلا ئىسرائىلىيە بومباردىمانىدا ھازىرغىچە سەككىز دوختۇرخانا پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان بولۇپ، قالغان دوختۇرخانىلارنىڭ يارىدارلارنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقالمايۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ