خىتاي پاسپورت كونترول قىلىشنى كۈچەيتتى

خىتاي پۇقرالارغا قاراتقان پاسپورت كونتروللۇقىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇ خىل كونترول خىتاي ئورگانلىرى ئىچىدىكى خادىملارنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلىگەندىن باشقا، خىتايلارنىڭ چەت ئەلگە چىقىشىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىدىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى مەمۇرلار ۋە دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىشىغا چەكلىمە قويغان بولۇپ، بۇ چەكلىمە چەت ئەلگە چىقىشنى چەكلەش، چەت ئەلدىكى مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈش، تەستىقلاش ۋە مەخپىيەتلىكنى ساقلاشنى كۈچەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ چەكلىمىلەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا قارىتىلماي، ئادەتتىكى مەمۇرلار ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرىگە قارىتىلغان.

مۇتەخەسسىسلەر بۇ چەكلىمىلەر شى جىنپىڭنىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ غەربنىڭ تەسىرىگە بولغان ئەندىشىسى سەۋەبلىك، خىتاي رېجىمىنىڭ بىخەتەرلىكىنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئۆتكەن ئىككى-ئۈچ يىل داۋامىدا پاسپورتنى چەكلەش سىياسىتىنى بارغانچە كۈچەيتكەنلىكىنى، نۆۋەتتە ئادەتتىكى مەمۇرلار، بانكا خىزمەتچىلىرى، ئوقۇتقۇچىلار، دوختۇرخانا خادىملىرى، سۇغۇرتا ۋە پۇل-مۇئامىلە بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغىچە كېڭەيتكەنلىكى بىلدۈرۈشكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2009 قېتىم كۆرۈلدى
24/10/2023 14:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق