خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى جىددىي بولۇۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، خىتاي پاي بازىرىمۇ تۆۋەنلەپ، بىر كېچىدىلا خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىدىن بۇرۇنقى ھالەتكە قايتىپ كەلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 23-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى پاي چېكى بازىرىنى يۆلەپ ياردەم بېرىش تەدبىرلىرىنى قوللانغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى يەنىلا ئاستا بولغان. ئۆي-مۈلۈك قەرزى كىرىزىسى ۋە گىيوپولىتىكىلىق جىددىيچىلىك سەۋەبىدىن خىتايدىكى پاي بازىرى خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىدىن بۇرۇنقى سەۋىيەگە قايتىپ كەلگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، شاڭخەي ۋە شېنجېن پاي چېكى بازىرىدىن تاللانغان ئەڭ چوڭ بازارنىڭ قىممىتى ۋە ئوبوروتچانلىقى ياخشى بولغان 300A پاي چېكىنىڭ CSI 300 كۆرسەتكۈچى 23-ئۆكتەبىر 3.463 نۇقتىغا چۈشۈپ، %1.3 تۆۋەنلىگەن. بۇ پاي چېكىنىڭ 2019-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈشى بولۇپ، بۇ كۆرسەتكۈچ دوللار ھېساباتى بويىچە بولغاندا بۇ يىل %15 تۆۋەنلىگەن. ئالدىنقى ھەپتە CSI 300 كۆرسەتكۈچى %4.2 چۈشۈپ، 12 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا يېقىنلاشقان.
«پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ بۇ ھەقتە خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي پاي چېكى بازىرى يۇقۇمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پاي چەك بازىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. خىتايدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى قاتتىق چەكلىمىلەر بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ يىل يىل بېشىدا ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىن زور ئۈمىد كۈتۈلگەن بولسىمۇ، بىراق خىتايدىكى ۋە خەلقئارادىكى سىياسىي ۋەزىيەت سەۋەبلىك، خىتاي ئىقتىسادى ئەسلىگە كەلمەيلا قالماستىن، بەلكى تېخىمۇ چېكىنگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ