خىتاي سىچۈەندىن-قاغىلىققا تۇتىشىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ياسىماقتا

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى خىتايغا يۆتكەشنى تېزلىتىش ۋە خىتاي ئاققۇنلارنى كۆچۈرۈپ كېلىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرى ئارىسىدا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق قاتنىشىنى داۋاملىق كۆپەيتمەكتە بولۇپ، بۇنىڭ جۈملىسىدىن سىچۈەن يائەندىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ قاغىلىققا تۇتىشىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ سىچۈەن بۆلىكى كاڭدىڭ پاۋما تېغى 1-نومۇرلۇق تونېلىنىڭ ئوڭ تونېلى تۇتاشتۇرۇلغان.

خىتاي ئىقتىساد خەۋەرلىرى تورىنىڭ 23-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، يايې يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ كاڭدىڭ چېگراسىدىن ئۆتىدىغان بۆلىكىدىكى پاۋماشەن بىرىنچى نومۇرلۇق تونېلى سىچۈەن گەنزى ئوبلاستىنىڭ كاڭدىڭ شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، كاڭدىڭ شەھىرىنىڭ شېڭخاڭ كەنتىدىن باشلىنىپ، پاۋماشەن كەنتىدە ئاخىرلىشىدىكەن. سول تەرەپتىكى تونېلنىڭ ئۇزۇنلۇقى 8865 مېتىر، ئوڭ تەرەپتىكى تونېلنىڭ ئۇزۇنلۇقى 8780 مېتىر بولۇپ، ئەڭ چوڭ كۆمۈلۈش چوڭقۇرلۇقى 1250 مېتىر ئىكەن. نۆۋەتتە يايې يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ كاڭدىڭ چېگرا لىنىيەسى تۈرى تونېلى قۇرۇلۇشى جەمئىي 28 مىڭ 250 مېتىر تاماملانغان.

ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، ياشلارنى خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە باشقا رايونلارغا سۈرگۈن قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئازايتىپ، ئورنىغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلەتمەكتە. بۇنىڭغا ماس ھالدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھاۋا، تۆمۈر يول ۋە تاشيول لىنىيەلىرىنى كۆپەيتىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقتا ۋە بۇنى شەرقىي تۈركىستاننى تەرەققىي قىلدۇرغانلىق سۈپىتىدە تەشۋىق قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2862 قېتىم كۆرۈلدى
24/10/2023 12:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق