ئەششەرق 7-قېتىملىق ياشلار مۇھاكىمە يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.
يىغىن 22-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېشىد ئەمىنھاجى تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
يىغىندا ئابدۇرېشىد ئەمىنھاجى شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاتالمىش «تېررورلۇقنى يوقىتىش» نامىدا كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىپ، خىتايلاشتۇرۇپ تەربىيەلەۋاتقانلىقىنى، يېقىنقى يىللار مابەينىدە تۇتقۇن قىلىنغان سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.