ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تايلاندچە مۇشتلىشىش مۇسابىقىسىدىكى نەتىجىسى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈردى

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ 22-ئۆكتەبىر تۈركىيەنىڭ ئانتالىيە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «قورقۇنچلۇق جەڭ كېچىسى» ناملىق ئەركىن مۇشتلىشىش مۇسابىقىسىدىكى نەتىجىسى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى سۆيۈندۈردى.

مۇسابىقىگە بەش ئۇيغۇر ماھىر چۈشكەن بولۇپ، بۇ ماھىرلارنىڭ ھەر بىرى مەيدانغا كىرگەن ۋە نەتىجە ئېلان قىلىنغان ۋاقىتلاردا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى لەپىلدەتتى، بولۇپمۇ ماھىرلارنىڭ ئۆز رەقىبىنى يەرگە يىقىتىپ قولغا كەلتۈرگەن غەلىبە مىنۇتلىرىدا مىللىي كىيىملىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى لەپىلدىشى ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە ھاياجانغا سالدى. 

مۇسابىقىگە ئالدى بىلەن ئاتامان جانبازلىق كۇلۇبىدىكى كىچىك ماھىرلار چۈشكەن بولۇپ، رەقىبلىرىنى ئۈستۈن ماھارەت بىلەن يەڭدى. ئارقىدىن ئەمرۇللاھ ئەھمەد 73 كىلوگىراملىقلار بويىچە ئىرانلىق ماھىر بىلەن مەيدانغا چۈشۈپ رەقىبىنى يەڭدى. كېيىن ئاتامان جانبازلىق كۇلۇبىنىڭ مەشقاۋۇلى، شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خالىد ئاتامان 73 كىلوگىراملىقلار بويىچە سۇدانلىق ماھىر ئەھمەد مۇھەممەد بىلەن مەيدانغا چۈشۈپ بىرىنچى مەيداندىلا رەقىبىنى يەر چىشلەتتى.

ئاتامان جانبازلىق كۇلۇبىنىڭ مەشقاۋۇلى خالىد ئاتامان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇسابىقىگە چۈشكەن ماھىرلارنىڭ ئۆگەنگەن ماھارەتلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن جارى قىلدۇرغانلىقىنى، شاگىرتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى، كۈچىنى تولۇق كۆرسەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىپادىسىدىن رازى ئىكەنلىكىنى، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ مەشىق قىلىش بىلەن بىرگە، چوڭ مۇسابىقىلەرگە كۆپلەپ قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق، ئەمەلىي تەجرىبىگە ئىگە قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2292 قېتىم كۆرۈلدى
23/10/2023 15:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق