ئەنگلىيەدىكى خوڭكوڭ ئاھالىلىرى خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماقتا

ئەنگلىيەدىكى خوڭكوڭ ئاھالىلىرى خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان ھالدا سىڭىپ كىرىپ زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشىغا قارشى مۇداپىئەنى كۈچەيتمەكتە.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 21-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىنىڭ خوڭكوڭ نۇسخىسى» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە نۇرغۇن خوڭكوڭ دېموكراتلىرىنىڭ چەت ئەلگە قېچىپ پاناھلىنىدىغان بىرىنچى مۇھىم ئورۇن بولۇپ قالغان. خىتاينىڭ چېگرا ھالقىپ سىڭىپ كىرىشى سەۋەبلىك، ئۇلار ئەنگلىيەدىمۇ دائىم پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان، ھەتتا خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ئۇلار نۆۋەتتە نورمال تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدىغان ھالەتكە كېلىپ قالغان بولۇپ، گەرچە ئۇلار خوڭكوڭدىن يىراق دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ دېموكراتچىلار ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن يەنىلا يۇقىرى ھوشيارلىقنى ساقلاپ كەلمەكتىكەن.

شۇلارنىڭ قاتارىدىن خوڭكوڭنىڭ سابىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارى گوزىجىيەن ئەنگلىيەدە سۈرگۈندە ياشاۋاتقىلى ئىككى يىل بولغان. ئۇ ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەيلى ئەنگلىيە، ياكى شىۋېيتسارىيە ۋە ياكى باشقا دۆلەتلەردە خوڭكوڭغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتكە قاتناشقاندا خىتاي تەرىپىدىن نازارەت قىلىنغانلىقىنى، ئارقىسىغا جاسۇسلار ئەگىشىپ پاراكەندە قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇندىن بۇرۇن نامەلۇم ئىككى ئەر ئۇنى بۇلىغان بولۇپ، قوپال ھەرىكەت بىلەن ئۇنىڭغا تەھدىت سالغان ۋە ئۇنىڭ يانفونىنى بۇلاپ كەتكەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختلىپ، يانفوننىڭ پۇلغا يارىمايدىغانلىقىنى، قارشى تەرەپنىڭ مەقسىتى بۇلاش ئەمەس، بەلكى قورقۇتۇش ۋە تەھدىت سېلىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

​​​تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1664 قېتىم كۆرۈلدى
23/10/2023 13:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق