پاكىستان باش مىنىستىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئاشكارىلىدى

پاكىستان باش مىنىستىرى ئالدىنقى ھەپتە شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، بۇ زىيارەت خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋىتىدىكى «ئابىدە» دەپ ئاتالغان بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى ئاشكارىلاپ بەردى.

ئەرەب خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستاننىڭ ۋاقىتلىق باش مىنىستىرى ئەنۋارۇلھەق كاكار 20-ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەتتە قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانى مۇنبىرىگە قاتناشقاندىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھىرىدە زىيارەتتە بولۇپ، بەيتۇلمەئمۇر جامەسىدە جۈمە نامىزى ئوقۇغان. نامازدىن كېيىن ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىسلام دىنىي ئىنستىتۇتى»نىڭ مۇدىرى ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىياز بىلەن كۆرۈشكەن. ئارقىدىن ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى»دىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار يىغىلىشىغا قاتناشقان.

ئەنۋارۇلھەق ئۈرۈمچىدە قىلغان سۆزىدە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنىڭ چېگراسى بولۇشتەك ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى ماختىغان ھەمدە بۇ رايوننىڭ قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ مەركىزى بولۇشتەك تارىخىي رولىنى تىلغا ئالغان.

ئۇ يەنە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، كۆرۈشۈشتە ئىككى تەرەپ بىرلىكتە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» بىلەن پاكىستاندىن ئىبارەت قوشنا رايون ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

پاكىستاننىڭ ۋاقىتلىق باش مىنىستىرى ئەنۋارۇلھەق كاكار خىتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بەيتۇلمەئمۇر جامەسىدە جۈمە نامىزى ئوقۇغان بولۇپ، خىتاينىڭ رەزىل مەقسىتى خەلقئارا جەمئىيەت ئالدىدا ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلارنى ناماز ئوقۇشقا رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىش بولسىمۇ، بۇ زىيارەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن.

ئالتە يىل ئىلگىرى مىڭدىن ئارتۇق جامائەت جۈمە نامىزى ئوقۇيدىغان بەيتۇلمەئمۇر جامەسىدە ئاران 20 ئەتراپىدىكى ئادەم جۈمە نامىزى ئوقۇغان. بۇ جامەنىڭ بۇرۇن ئىنتايىن ئاۋات بىر جامە ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ھەر بىر كىشىنىڭ كاللىسىغا «بۇنداق چوڭ جامەنىڭ جامائەتلىرى نەگە كەتتى؟» دېگەن سوئالنى پەيدا قىلىدىغان بولۇپ، خىتاي رېجىمىنىڭ تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سولىغانلىقى ياكى ئۇلارنى ئىز-دېرەكسىز يوق قىلىۋەتكەنلىكىدىن ئىبارەت جىنايى قىلمىشىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاپ قويغان.

كۆزەتكۈچىلەر پاكىستان باش مىنىستىرىنىڭ بۇ قېتىممۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى يالغان تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتىشىگە ھەمكارلاشقانلىقىنى، ئەسلىدە مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ مەشھۇر جامەلەرنىڭ بىرىدە جۈمە ۋاقتىدا بۇنچىلىك ئاز كىشىنىڭ نامازغا قاتناشقانلىقىدىن خىتاينىڭ باستۇرۇشىنى ھېس قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئەمما پاكىستاننىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى ھەققىدە سۈكۈتنى تاللاپ كەلگەنلىكىنى، خەلقئارا جەمئىيەت شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىگەن ھەمدە ئۇ جىنايەتلەرنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاۋاتقان پەيتلەردىمۇ، خىتاينى ئەيىبلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

​​تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3306 قېتىم كۆرۈلدى
23/10/2023 12:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق