تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى باھالاش يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى

19-ئۆكتەبىر ئىستانبۇل ۋالىيسى داۋۇت گۈلنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى باھالاش يىغىنىغا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئىشتىراك قىلدى.

باھالاش يىغىنى ئىستانبۇل ۋالىيسى داۋۇت گۈل ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىنغا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەئىسلىرى، تۈركىي ۋە چەت ئەل جەمئىيەتلىرى مەسئۇللىرى ھەمدە ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئىسلامىي جەمئىيەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى تەكلىپ قىلىنغان.

ۋەزىيەتنى باھالاش يىغىنىغا ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن باشقا، ئىستانبۇل ۋىلايەتلىك ساقچى باشلىقى زافەر ئاقتاش، مۇئاۋىن ۋالىي يۈجەل گېمىجى، ئىستانبۇل كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى فاتىھ ئاينامۇ قاتناشقان.

يىغىندا نۆۋەتتىكى تۈركىيە ۋە ئىستانبۇلنىڭ ۋەزىيىتى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت مۇزاكىرە قىلىنغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3068 قېتىم كۆرۈلدى
21/10/2023 12:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق