ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۈچ شىركىتىنى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

ئامېرىكا پاكىستاننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىغا قاتناشقان خىتاينىڭ ئۈچ شىركىتىنى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 20-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ ئۈچ ئورگىنىغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ جازانىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئۇلارنىڭ پاكىستاننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىسىنى كېرەكلىك بۇيۇملار بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئىكەن.

جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئۈچ شىركەت خىتاي ئۇنىۋېرسال تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، بېيجىڭ لولو تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ۋە چاڭجۇ ئۇتېك بىرىكمە شىركىتى قاتارلىقلار ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بېيجىڭ لولو تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بۇ يىل 6-ئايدا ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن جازالانغان ئورۇن تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 13382-نومۇرلۇق مەمۇرىي بۇيرۇققا بىنائەن بۇ ئۈچ شىركەتنى «كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قورال تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە ئۇلارنى توشۇش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن، جۈملىدىن بۇ خىل قوراللارنى ئېلىپ مېڭىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلىدى» دەپ ئەيىبلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2626 قېتىم كۆرۈلدى
21/10/2023 11:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق