ھىندونېزىيەلىك «دىنىي زاتلار» خىتاينىڭ قىلتىقىغا دەسسىدى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى» نىڭ مۇئاۋىن كاتىپى جاڭ چۈنلىن شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە كەلگەن ھىندونېزىيەلىك دىنىي زاتلار ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەن.

تەڭرىتاغ تورى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 19-ئۆكتەبىر جاڭ چۈنلىن مەزكۇر ئۆمەك بىلەن كۆرۈشكەندە: «شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى مۇقىم، ھەر مىللەت خەلقى تىنچ ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە ياشىماقتا، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك سىياسىتى تولۇق يولغا قويۇلدى. دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ ئەسلىھەلىرى ۋە شارائىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ بېرىۋاتىمىز» دەپ بىلجىرلىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى ھىندونېزىيە دىنى زاتلار ۋەكىللەر ئۆمىكىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا، قەشقەر، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلىرىدە كۆز بويامچىلىق ئۈچۈن ئالدىن تەييارلانغان ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدۇرغان. زىيارەت داۋامىدا ئىلزات ئەخمەتجان، ئابدۇرەقىب تۆمۈرنىياز، نۇرۇم ئىسمائىلخان قاتارلىق قورچاق ئەمەلدارلارمۇ ئۆمەك بىلەن كۆرۈشكەن.

ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ھىندونېزىيە مەسچىت جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شافرۇددىن كامبۇ سۆز قىلىپ: «زىيارەت جەريانىدا غايەت زور تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇمدىن تەسىرلەندىم. شىنجاڭ مەسىلىسىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگەن گەپلەر پۈتۈنلەي يالغان ئىكەن» دەپ بىلجىرلىغان.

خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي رېجىمى بىلەن قارشىلىشىپ كېلىۋاتقان ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ۋە قىرغىن قىلىش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك ئاتالمىش يېڭى قانۇنلارنى تۈزۈپ چىقىپ مەجبۇرىي ئىجرا قىلغانىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2018-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان بەش يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلغانلىقى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغانىدى. نۆۋەتتە خىتاي مەزكۇر پىلانغا ئاساسەن، ئىسلام دىنىغا قارشى تېررور سىياسىتىنى تېز سۈرئەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، ئىسلام دۈشمەنلىكى پىلانىغا ئاساسەن، ھازىرغا قەدەر 16 مىڭغا يېقىن مەسچىت چېقىۋېتىلدى ياكى بۇزۇۋېتىلدى. ساق قالغان بىر قىسىم مەسچىتلەر قاۋاقخانا، چايخانا دېگەندەك باشقا پائالىيەت سورۇنلىرىغا ئۆزگەرتىلدى. ئۇندىن باشقا دىنغا ئالاقىدار بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەر تولۇق چەكلەنگەن بولۇپ، خەلق ئىسلامدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاندى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي رېجىمى ئىسلام دۇنياسىدىن ھەرخىل ناملار بىلەن ئۆمەك تەشكىللەپ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ پۈتۈنلەي قوغدالغانلىقىنى، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تاشقى دۇنياغا جار سالسا، ئىچكى تەشۋىقاتتا ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش»، «دىننى سوتسىيالىزمغا بويسۇندۇرۇش» دېگەندەك سەپسەتىلەر بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3964 قېتىم كۆرۈلدى
21/10/2023 11:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق