خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىكى نامىدا گىرافىت ئېكسپورتىنى چەكلىدى

خىتاي رېجىمى 20-ئۆكتەبىر ئاتالمىش دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش نامىدا، بەزى گىرافىت بۇيۇملىرىغا نىسبەتەن ئېكسپورت كونترول قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 20-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رېجىمى ئېكسپورت كونترول قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن گىرافت توكلۇق ئاپتوموبىل باتارېيە زاپچاسلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى بولۇپ، ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ گىرافت ئىشلەپچىقارغۇچى بولۇپ، يەر شارى تەمىناتىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلەيدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىنقى مەزگىللەرگىچە گىرافت ئاساسلىقى پولات-تۆمۈر سانائىتىدە ئىشلىتىلگەن، ئەمما ئېلېكتىرونلۇق ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ ئېھتىياجى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە گىرافتنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ روشەن ئوتتۇرىغا چىققان.

ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى باتارېيەگە ئىشلىتىلىدىغان گرافت بازىرىدا 2018-يىلدىن بۇيان %250 ئېشىش كۆرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىن گىرافتنى ئەڭ كۆپ سېتىۋالغۇچى دۆلەتلەر ياپونىيە، ئامېرىكا، ھىندىستان ۋە كورىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. تېسلا ۋە مېرسىدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەر خىتايدىن باشقا گىرافت بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى تېپىشقا تىرىشماقتىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2352 قېتىم كۆرۈلدى
21/10/2023 11:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق