خىتاي رېجىمى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى»نىڭ مۇئاۋىن كاتىپى جاڭ چۈنلىن 9-ئۆكتەبىردىن 13-ئۆكتەبىرگىچە ئالجىرىيە بىلەن مىسىرنى زىيارەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئالجىرىيە ۋە مىسىر خەلقىنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنغان.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، جاڭ چۈنلىن باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى زىيارەت داۋامىدا ئالجىرىيە، مىسىر ۋە شۇنداقلا ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن باشقا، قاھىرە ۋالىيسى خالىد، ئەرەب بىرلەشمە ئەمەلدارلىرى شۇنداقلا يەرلىك كارخانىچىلار بىلەن كۆرۈشكەن. ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە خىتاينىڭ ئالجىرىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدا ئاتالمىش «شىنجاڭ گۈزەل جاي» ناملىق شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇرۇش يىغىنى تەشكىللىگەن.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئالجىرىيە ۋە مىسىر جەمئىيىتىدىن يوشۇرۇش، كۆز بويامچىلىق قىلىش ئۈچۈن تەشكىللىگەن مەزكۇر زىيارەتتە جاڭ چۈنلىن سۆز قىلىپ، خىتاي رېجىمى چەت ئەللەردە ھەر دائىم تەكرارلاپ كېلىۋاتقان سەپسەتىلەرنى قايتا تەكرارلاپ: «مەركىزىي ھۆكۈمەت شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلدى» دەپ بىلجىرلىغان.
خىتاي رېجىمى مەيلى شەرقىي تۈركىستانغا چەت ئەللەردىن ھەرخىل نامدا ئۆمەك تەشكىللەپ، ئالدىن تەييارلانغان يالغان سەھنىلەرنى زىيارەت قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولسۇن، مەيلى ئۆزلىرى چەت ئەللەرگە چىقىپ تەتۇر تەشۋىقات ئارقىلىق ھەقىقەتنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقاندا بولسۇن، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇتقۇن قىلىش، ھەر خىل باھانىلەر بىلەن لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ زىيانكەشلىك قىلىش قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ