بۇ ھەپتە خىتاينىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» مۇنبىرىگە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە نۇرغۇنلىغان دۆلەت ئەمەلدارلىرى قاتناشقاندىن باشقا، ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق دۆلەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغان ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكىنىڭ تەكلىپ بىلەن قاتنىشىشىمۇ دىققەت قوزغىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 19-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكى خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىنىڭ ئون يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشقان. بۇ يىغىن تالىبان ھۆكۈمىتى 2021-يىلى ئافغانىستان ھاكىمىيىتىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن بۇيان قاتناشقان ئەڭ چوڭ يىغىن بولغان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» مۇنبىرىگە تەكلىپ قىلىنىشى خىتاينىڭ تالىبان ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەتنى داۋاملىق ساقلاش سىياسىتىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
تالىبان باياناتچىسى ئاخۇنزادە ئابدۇسالام جەۋادنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مۇۋەققەت سانائەت ۋە سودا مىنىستىرى نۇرىددىن ئەزىز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ بېيجىڭغا بېرىپ ئىككى كۈنلۈك يىغىنغا قاتناشقان. ئاخۇنزادە ئابدۇسالام جەۋاد دۈشەنبە كۈنى تاراتقۇلارغا ئەۋەتكەن سىندا: «ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، سودا-سانائەت مىنىستىرى خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىساد، سودا ۋە ئۆتكۈنچى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ» دېگەن.
بۇ يىل 5-ئايدىكى بىرلەشمە باياناتتا خىتاي بىلەن پاكىستان ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىنىڭ بايراقدار تۈرى بولغان خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنىڭ ئافغانىستانغا ئۇزارتىلغانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ