بەشىنچى باشقارما: خىتاينىڭ ئەنگلىيەدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكىتى تەھدىت پەيدا قىلدى

ئەنگلىيە ھەربىي ئىستىخباراتى بەشىنچى باشقارمىنىڭ باشلىقى كېن مىككالۇم: «خىتاينىڭ ئەنگلىيەدىكى جاسۇسلۇق پائالىيىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن تەھدىت پەيدا قىلماقتا» دېدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە ئىستىخبارات تارماقلىرى يېقىندا ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە قوزغىغان كەڭ جاسۇسلۇق پائالىيىتى ئەندىشە پەيدا قىلغان بولۇپ، ئەنگلىيەنىڭ ئىقتىسادى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زور تەھدىت شەكىللەندۈرگەن.

ئەنگلىيە ھەربىي ئىستىخبارات ئورگىنى بەشىنچى باشقارمىنىڭ باشلىقى كېن مىككالۇم «بەش كۆز ئىتتىپاقى» ئاخبارات ئىشلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن يىغىنغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ مەزكۇر يىغىندا نەچچە ئون مىڭلىغان ئەنگلىيە شىركەتلىرى ئۇچرىغان تەھدىتلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مىككالۇم BBC نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ تور يولى ئارقىلىق ئەنگلىيەدىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بىلەن ئالاقىلىشىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنىڭ تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مىككالۇم ئاخىرىدا يەنە خىتاينىڭ خۇسۇسىي شىركەتلەر ۋە ئىلمىي ئورگانلارغا قاراتقان جاسۇسلۇق پائالىيىتىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2444 قېتىم كۆرۈلدى
20/10/2023 16:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق