قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومارت توقايوف بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچىنچى نۆۋەتلىك ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» مۇنبىرىگە قاتناشقاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، قازاقىستاننىڭ ئىلگىرى خىتاي بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزگەنلىكى، بۇ كېلىشىمنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومارت توقايوف 18-ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي ۋە قورچاق رەئىس ئەركىن تۇنىيازلار بىلەن كۆرۈشكەن.
قازاقىستان دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، توقايوف ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، قازاقىستاننىڭ ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارزۇسىنى قايتا تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتە خەۋەر قىلىشىچە، مۇتەخەسسىسلەر قازاقىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ساياھەتچىلىكنىڭ كۈچىيىشى ۋە قازاقىستانغا قوشنا بولغان شەرقىي تۈركىستان بىلەن قويۇق ھەمكارلىقنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە بۇ مەسىلىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەندىشە سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ئىككى تەرەپ ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئالدىنقى ئايدا قازاقىستان كېڭەش پالاتاسى بىر كېلىشىم ماقۇللىغان بولۇپ، كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىدا خىتاي بىلەن قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ قازاقىستانغا كەلگەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ (ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئورتاقلىشىش كېلىشىمى بار ئىكەن.
قازاقىستان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى، خەلقئارا قانۇن تەشەببۇسى ئاممىۋى فوندىنىڭ رەئىسى ئاينا شورمانبايېۋا بۇ ھەقتە توختىلىپ، قازاقىستان كېڭەش پالاتاسىنىڭ كېلىشىمنى ماقۇللىشى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللىغانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي رېجىمى مەزكۇر كېلىشىم ئارقىلىق باستۇرۇش ۋە كونترول قىلىش ھەرىكىتىنى قازاقىستاننىڭ زېمىنى ئىچىگە كېڭەيتكەن بولىدىكەن. ئاينا شورمانبايېۋانىڭ بۇ مەسىلىدە تەجرىبىسى بار بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى خىتاينىڭ باستۇرۇشلىرىدىن قېچىپ قازاقىستانغا پاناھلانغان كىشىلەرگە قانۇنىي جەھەتتە ياردەم قىلغانىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ