ب د ت يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى دەپسەندىچىلىك ھەققىدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىندى

18-ئۆكتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىندى. شۇنداقلا تۈركىيە ۋەكىلىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ھەققىدە توختالدى.

بىرلەشمە باياناتقا ئەنگلىيە باشلىق 51 دۆلەت ئىمزا قويغان بولۇپ، ئەنگلىيەنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى جامىس كارىيۇكى 18-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى ئۈچىنچى كومىتېتىنىڭ 26-يىغىنىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدىكى مەزكۇر بىرلەشمە باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى.

باياناتتا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى، مۇستەقىل ۋە نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىلارنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغانلىقى، خالىغانچە كەڭ كۆلەملىك تۇتۇپ تۇرۇش، باستۇرۇش ۋە سىستېمىلىق نازارەت قىلىش ھەققىدە ئىسپاتلارنى تاپقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

باياناتتا يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قانۇنلۇق مەدەنىي ۋە دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلىگەنلىكى، جۈملىدىن دىنىي سورۇنلارنى ۋەيران قىلغانلىقى توغرىسىدىكى دوكلاتلارنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى، خەلقنى ئورۇنسىز چەكلەش، قىيناش، ناچار مۇئامىلە قىلىش، جۈملىدىن مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ۋە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىش، ئائىلە ئەزالىرىنى بىر-بىرىدىن ئايرىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلارنى سادىر قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا يەنە مۇتەخەسسىسلەر ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىلمىشلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن» دەپ ئاتىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى ۋە خىتايدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مەزكۇر باياناتقا ئىمزا قويغان دۆلەتلەر: ئالبانىيە، ئاندوررا، ئاۋسترالىيە، ئاۋسترىيە، بېلگىيە، بۇلغارىيە، كانادا، كىرودىيە، چېخ، دانىيە، ئېستونىيە، ئېسۋاتىنى، فىجى، فىنلاندىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، گىۋاتېمالا، ئىسلاندىيە، ئىرېلاندىيە، ئىسرائىلىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، لاتۋىيە، لىبېرىيە، لىچتېنشتېين، لىتۋا، لىيۇكسېمبۇرگ، مولدوۋا، موناكو، قاراباغ، ناۋرۇ، گوللاندىيە، شىمالىي ماكېدونىيە، يېڭى زېلاندىيە، نورۋېگىيە، پالاۋ، پاراگۋاي، پولشا، پورتۇگالىيە، مارشال تاقىم ئارىلى، رومىنىيە، سان مارىنو، سىلوۋاكىيە، سىلوۋېنىيە، ئىسپانىيە، شىۋېتسىيە، شىۋېيتسارىيە، تۇۋالۇ، ئۇكرائىنا، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئىكەن.

يىغىندا يەنە تۈركىيە ۋەكىلى سۆز قىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى قاتارلىق كۆپلىگەن خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدىكى مەيدانىنى بايان قىلغاندىن سىرت، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىمۇ توختالدى. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى ئاساسىدا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداشنىڭ مۇھىم مەسىلە قاتارىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ بۇ ھەقتە داۋاملىق كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى ئۈچىنچى كومىتېتىنىڭ 27-يىغىنىدا خىتاي ۋەكىلى رەددىيە بېرىپ، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق «ئاز سانلىق دۆلەتلەر»نىڭ خىتايغا قارا چاپلىغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ خاتىرجەم، باياشات، ھەق-ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ ياشاۋاتقانلىقى... دېگەندەك قېلىپلاشقان بايانلىرىنى تەكرارلاپ بىلجىرلىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەب، ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 2894 قېتىم كۆرۈلدى
19/10/2023 12:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق