ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ ئېچىنىشلىق جاۋابى خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئالاھىدە تەشۋىق قىلىندى

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ نەتىجىلىرىنى كۆز-كۆز قىلماقتا ۋە كەڭ تەشۋىق قىلماقتا.

يېقىندا جېجياڭلىق بىر خىتاي ۋېلىسىپىت مىنىپ قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسىگە بارغان بولۇپ، بۇ جەرياندا مەكتەپتىن قايتىۋاتقان بىر نەچچە ئۇيغۇر بالىنى ئۇچراتقان. ئۇ بالىلاردىن: «سىلەر قايسى مىللەتتىن؟ تاجىكمۇ ياكى ئۇيغۇرمۇ؟» دەپ سورىغان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر ئۇيغۇر بالا دەرھال: «جۇڭخۇا مىللىتى» دەپ جاۋاب بەرگەن. خىتاي بۇ جاۋابتىن قاتتىق خۇشال بولغان ۋە بالىلارنى ماختاپ كەتكەن.

مەزكۇر سىن تىك توكنىڭ خىتايدىكى نۇسخىسى بولغان دوۋيىندا تارقالغاندىن كېيىن، بىر ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ ئۆزىنى «مەن جۇڭخۇا مىللىتى» دەپ ئاتىشى خىتايلارنى قاتتىق خۇشال قىلىۋەتكەن. تەڭرىتاغ تورى، سىنا تورى، شۇنداقلا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باشقا كۆپلىگەن تەشۋىقات ئورگانلىرى بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر يېزىپ، ئالاھىدە تەشۋىق قىلغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش بىلەن بىرگە ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆسمۈرلەرگە قاراتقان مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئاتالمىش «مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش مەمۇرىي جازالاش ۋاقىتلىق تەدبىرى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ تەدبىر 15-ئۆكتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

خىتاي رېجىمى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى مەجبۇرىي ئائىلىسىدىن ئايرىپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلغاندىن سىرت، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش مەمۇرىي جازالاش ۋاقىتلىق تەدبىرلىرى»نى ئېلان قىلغانىدى. بەلگىلىمىدە مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش، قانۇنسىز ھەرىكەت ۋە قانۇنىي مەسئۇلىيەت، جازا تەرتىپى ۋە ئىجرا قىلىش ۋە يولغا قويۇش ئاپپاراتلىرى، باشقۇرۇش تەۋەلىكى ۋە مەمۇرىي جازا ئوبيېكتى، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش قاتارلىقلار بەلگىلەنگەنىدى.

خىتاي رېجىمى جازا لاگېرى سىياسىتىگە ماس ھالدا، ھەرقايسى شەھەر رايونلاردا «يەسلى» نامىدا بالىلار لاگېرى تەسىس قىلغان. خىتاي بۇ قىلمىشلىرىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن بالىلار لاگېرلىرىغا ئاتالمىش «پەرىشتىلەر باغچىسى» دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇپ، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئانا تىلىدا سۆزلەشنى چەكلەپ، تولۇق تىلىمۇ چىقىپ بولالمىغان نارەسىدە بالىلارنى ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىپ، پۈتۈنلەي خىتايچە سۆزلەشكە مەجبۇرلاپ تەربىيەلىمەكتە ۋە ئۇلارنى ئۆز تىلىدىن، مىللىي كىملىكىدىن، دىنىي ئېتىقادىدىن پۈتۈنلەي ئايرىپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا ۋە نۆۋەتتە خىتاي بۇ خىلدىكى «يەسلىلەر»نى تېخىمۇ كۆلەملەشتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4386 قېتىم كۆرۈلدى
19/10/2023 12:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق