فىلىپپىن خىتايدىن خەتەرلىك ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى

فىلىپپىن خىتايدىن جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھۇجۇم خاراكتېرنى ئالغان خەتەرلىك ھەرىكەتلەرنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 17-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا فىلىپپىن ئارمىيەسى خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى پاراخوتىنىڭ فىلىپپىن دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پاراخوتىنى توسۇشقا ئۇرۇنغان.

فىلىپپىن قوراللىق قىسىم باش قوماندانى رومىيو بىراۋنېرنىڭ (Romeo Brawner) ئېيتىشىچە، خىتاي ئارمىيەسى پاراخوتى مانىلانىڭ تىتۇ ئارىلى ئەتراپىدا فىلىپپىن پاراخوتىنىڭ ئالدىنى توسىماقچى بولغان. خىتاي پاراخوتى بىلەن فىلىپپىن پاراخوتىنىڭ ئارىلىق ئاران 350 مېتىر قالغان.

ئۇ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى پاراخوتىنىڭ ھۇجۇم خاراكتېرىنى ئالغان بۇ خەتەرلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ سوقۇلۇش خەۋپى بولۇپلا قالماي، يەنە ئىككى تەرەپ خادىملىرىنىڭ ھاياتىغا بىۋاسىتە خەتەر يەتكۈزىدىغانلىقىنى، خىتايدىن بۇ خىل خەتەرلىك ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋ نىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «تىتۇ ئارىلى خىتاينىڭ زېمىنى، فىلىپپىن تىتۇ ئارىلىنى قانۇنسىز ئىشغال قىلىپ، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى» دەپ جار سالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىتاينىڭ مانىلانىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللار ۋە خادا تاشلاردىكى خادىملارنى لازىمەتلىك بىلەن تەمىنلەش ئىشلىرىنى توسۇشتىكى ئەڭ يېڭى ھەرىكىتى بولۇپ، نۆۋەتتە ئىككى تەرەپ زىددىيىتى بارغانچە كۈچەيگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2216 قېتىم كۆرۈلدى
19/10/2023 10:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق