ماك دونالدنىڭ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنى تاماق بىلەن تەمىنلىشى تەنقىدكە دۇچ كەلدى

ماك دونالد ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشتىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنى ھەقسىز تاماق بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، ماك دونالدنىڭ بۇ ھەرىكىتى خەلقئارادا تەنقىدكە دۇچ كەلدى.

دېموكراتىيە خەۋەرلىرىنىڭ 16-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەپتە ئىنستىگرامدىكى بىر يۈرۈش يازمىلاردا ماك دونالدنىڭ ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى ئەسكەرلىرىگە نەچچە مىڭ كىشىلىك ھەقسىز تاماق ئىئانە قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالغان.

ماك دونالدنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى شۆبىسى ئىنستىگرام سەھىپىسىدە: «بىز ھەر كۈنى ئايرودۇرۇم ۋە ھەربىي گازارمىلارغا نەچچە مىڭ يۈرۈش تاماق ئىئانە قىلىشنى ئويلىدۇق، رېستورانلارغا كەلگەن ئەسكەرلەرگە تېخىمۇ ئېتىبار بېرىلىدۇ» دەپ يازغان.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا نۇرغۇن كىشىلەر ماك دونالد تېز تاماقخانا زەنجىرىنى دۇنيا مىقياسىدا بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلغان. بۇ بايانات ئېلان قىلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي 13- ئۆكتەبىر لىۋاندا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن. ماك دونالدنىڭ لىۋاندىكى تارمىقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلغان. باياناتتا: «ماك دونالدنىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى مەيدانى لىۋان شۆبىسىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ» دېيىلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2306 قېتىم كۆرۈلدى
19/10/2023 10:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق