ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئەلمەئمەدانى دوختۇرخانىسىغا قىلغان ھۇجۇمى تەرەپ-تەرەپتىن كۈچلۈك تەرىقىدە ئەيىبلەندى ۋە ھۇجۇمنىڭ ۋەھشىيلەرچە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ بومباردىمان قىلىنىشىدىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «ئاياللار، بالىلار ۋە بىگۇناھ پۇقرالار تۇرۇۋاتقان بىر دوختۇرخانىنى بومباردىمان قىلىش ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي قىممەت قاراشتىن مەھرۇم ھۇجۇملىرىنىڭ ئەڭ يېڭى مىسالى. مەن پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ھەرىكەتكە كېلىپ، غەززەدىكى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن بۇ ۋەھشىيلىكنى توختىتىشقا چاقىرىمەن» دېدى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ دوختۇرخانا بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلىنغان جىنايەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
باياناتتا يەنە: «بىز بۇ ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇملارنى ئەيىبلەيمىز. ھۇجۇملاردا ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپا تىلەيمىز. بىۋاسىتە ھالدا پۇقرالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان، دوختۇرخانىلار ۋە مەكتەپلەرگە ھۇجۇم قىلىدىغان بۇ روھىي ھالەتنىڭ قانۇن ھەمدە ۋىجدان ئالدىدا جاۋابكارلىققا تارتىلىشى مۇقەررەر» دېگەنلەر قەيت قىلىندى.
شۇنداقلا ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس نەچچە يۈزلىگەن پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان دوختۇرخانا ھۇجۇمىدىن قاتتىق چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن. قۇربانلارنىڭ ئائىلىلىرىگە ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىمنى ئېيتىمەن. دوختۇرخانىلار ۋە سەھىيە خادىملىرى خەلقئارا قانۇننىڭ قوغدىشى ئاستىدا» دېدى.
پەلەستىننىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى رىياد مەنسۇر نىيۇيوركتىكى ب د ت بىناسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «ئىسىرائىلىيە كۈچلىرى تەرىپىدىن قىلىنغان قەتلىئامنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. بۇ جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەر جازاغا تارتىلىشى كېرەك. ئەگەر خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ، تۈنۈگۈن توقۇنۇشنى توختىتالىغان بولسا، خەلقىمىزگە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈلمىگەن بولاتتى، 500 كىشى بىز بىلەن بىللە بولاتتى. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەمدى ئويغىنىشى كېرەك. ب د ت نىڭ بۇ جىنايەتنى ئەيىبلەش بىلەنلا قالماي، دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك» دېدى.
ئەرەب ئىتتىپاقىمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا قىلغان ھۇجۇمى سەۋەبىدىن بايرىقىنى يېرىم چۈشۈردى ۋە ئۈچ كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلدى.
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بولسا مەزكۇر ھۇجۇمنى «تەشكىللىك دۆلەت تېررورلۇقى» دەپ ئاتىدى ۋە بۇنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئۇرۇش جىنايىتى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى پاكىستانلىق مالالا يۇسۇفزاي ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى X تا ئېلان قىلغان باياناتىدا، غەززەدىكى دوختۇرخانىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى ۋە: «خەلقنى كوللېكتىپ جازالاش ھەرگىزمۇ ھەل قىلىش چارىسى ئەمەس» دېدى.
ئۇ ھەمبەھرىلىگەن سىندا: «پەلەستىنلىك بالىلارغا ۋە خەتەر ئاستىدىكى كىشىلەرگە ياردەم بېرىدىغان تەشكىلاتلارغا 300 مىڭ دوللار يوللىدىم. مەن بۇ سىننى كۆرگەن ھەممەيلەننىڭ غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارغا پۇل ئىئانە قىلىشىنى سورايمەن» دەپ ياردەم چاقىرىقى قىلدى.
شۇنداقلا بۈگۈن ئىسرائىلىيەنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن ئىيوردانىيەنى زىيارەت قىلماقچى بولغان ۋە بۇ يەردە ئىيوردانىيە، پەلەستىن ۋە مىسىر رەھبەرلىرى بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشمەكچى بولغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن غەززەدىكى دوختۇرخانا ھۇجۇمى ۋە پەلەستىن پىرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباسنىڭ مەزكۇر ھۇجۇم تۈپەيلى ئۈچ كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىپ، بايدېن بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلغانلىقى سەۋەبلىك زىيارىتىنى كېچىكتۈردى.
جوۋ بايدېن ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، يارىلانغانلارنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ھاماسنىڭ سىياسىي ئىشخانىسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل ھەنىييە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا قىلغان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئىسرائىلىيەنى شەرتسىز قوللاۋاتقان ئامېرىكا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر