شەرقىي تۈركىستان خىتايلارغا ساياھەت ئورنى، ئۇيغۇرلارغا زىندان بولماقتا

شەرقىي تۈركىستان بىلەن سەمەرقەنت ئارىسىدا تۇنجى قېتىم بىۋاسىتە ھاۋا قاتنىشى يولغا قويۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان خىتايلار ئۈچۈن ساياھەت رايونى بولغان بولسا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە زىندان بولماقتا.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 15-ئۆكتەبىر خىتاي جەنۇبىي ئاۋىياتسىيەسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ CZ5053 نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئۈرۈمچىدىن ئۆزبېكىستاننىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى سەمەرقەنتكە ئۇچقان بولۇپ، بۇ شەرقىي تۈركىستان بىلەن سەمەرقەنت ئارىسىدا تۇنجى قېتىم قەرەللىك بىۋاسىتە ھاۋا قاتنىشىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن خىتاي جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن ئۆزبېكىستانغا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە نۇقتىسى ئىككىگە كۆپەيگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قېتىم يېڭىدىن ئېچىلغان ئۈرۈمچى-سەمەرقەنت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە CZ5053 نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم قاتنايدىكەن. نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر يەكشەنبە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، شۇ كۈنى سەمەرقەنتكە قونىدىكەن. قايتىش مۇساپىسىدە CZ5054 نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر دۈشەنبە كۈنى سەمەرقەنتتىن ئۇچۇپ، شۇ كۈنى ئۈرۈمچىگە قونىدىكەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 12-ئۆكتەبىرگىچە خىتاي جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن خەلقئارالىق يولۇچى توشۇش مىقدارى 230 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقان بولۇپ، سەمەرقەنت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىدىغان خەلقئارا، رايون قاتناش نۇقتىسى 13 كە يەتكەن.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى خەلقئارادا كۈنتەرتىپتە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك خىتاي خەلقئارالىق بېسىم ۋە بىر قىسىم جازالارغا دۇچ كەلگەن، خەلقئارا سەھنىلەردە خىتايغا بولغان قارشىلىق بارغانچە كۈچەيگەن. خىتاي ئىلگىرى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقىنىدەك، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنماقتا. بۇنىڭ ئۈچۈن بىر تەرەپتىن چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى ئالداپ شەرقىي تۈركىستانغا قايتۇرۇپ كېتىپ جازالاش ئۈچۈن، خىتايغا يېقىن تۇرغان ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بېرىپ چەت ئەلگە چىقىشقا رۇخسەت قىلسا، شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرىنىڭ ئورنى ۋە شەكلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، خىتايغا يېقىن مۇخبىرلار ۋە ئورگانلاردىن ئۆمەك تەشكىللەپ، شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدۇرۇپ كۆز بويامچىلىق قىلماقتا. شۇنداقلا خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا جەلپ قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى تاشيول ۋە ھاۋا قاتنىشىغا زور كۈچ بىلەن مەبلەغ سالماقتا ۋە ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى مەۋجۇت ئەمەستەك كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3869 قېتىم كۆرۈلدى
18/10/2023 12:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق