مىسىردىكى ئارخېئولوگلار بۇنىڭدىن تەخمىنەن 3400 يىل ئىلگىرىكى قەبرىستانلىقنى بايقىغان.
ياۋروپا ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىسىر ساياھەت ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مىنىستىرلىقى 15-ئۆكتەبىر مىسىر ئارخېئولوگلىرىنىڭ مىنيا ئۆلكىسىدە قەدىمكى مىسىرنىڭ يېڭى پادىشاھلىق دەۋرىدىكى قەبرىستانلىقىنى بايقىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ قەبرىستانلىقنىڭ تارىخىنى تەخمىنەن 3400 يىل ئىلگىرىگە سۈرۈشكە بولىدىكەن. بۇ قەبرىستانلىق قەدىمكى مىسىرنىڭ يېڭى پادىشاھلىق دەۋرىگە تەۋە بولۇپ، ئارخېئولوگلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قەبرىستانلىققا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋە كاھىنلار دەپنە قىلىنغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ