تۈركىيە پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا

پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ھاماسنىڭ ھەربىي قىسمى بولغان ئەلقەسسام بىرىگادىسى 7-ئۆكتەبىر ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا كەلكۈنى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغاندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان شىددەتلىك توقۇنۇش ئون كۈندىن ئاشقان بولسىمۇ، جىددىي داۋام قىلماقتا.

نۆۋەتتە ھاماسنىڭ ھۇجۇملىرىدا ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان ئۆلگەن ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ سانى 1400 دىن ئاشقان بولسا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى قارا-قويۇق بومباردىمان قىلىشى، خەلقئارادا ئىشلىتىلىشى چەكلەنگەن ئاق فوسفور بومبىسى ئىشلىتىشى نەتىجىسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 700 دىن كۆپ كىچىك بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2770 دىن كۆپرەك پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە ئون مىڭلىغان يارىلانغانلارنىڭ ئەھۋالىمۇ كۈنسىرى ئېغىرلاشماقتا ۋە ھەر ئىككى تەرەپتىن ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانى داۋاملىق ئۆرلەپ ماڭماقتا.

تۈركىيە بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپلا ئىككى تەرەپنى تەڭپۇڭ ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى قارا-قويۇق بومباردىمان قىلىشىغا قاتتىق قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە ۋە رايون، خەلقئارادىكى دۆلەتلەر بىلەن جىددىي كۆرۈشۈپ بۇ ئېغىر كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

بۇنىڭ جۈملىسىدىن تۈركىيە پىرىزېدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن يەنە ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناك بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئىسرائىلىيە-پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى، رايوندا تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن يولغا قويۇشقا تېگىشلىك سىياسەتلەر ۋە ئېغىر ئىنسانىي كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قوللىنىشقا تېگىشلىك تەدبىرلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

ئەردوغان كۆرۈشۈشتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ غەززەدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەكلىكىنى، كىرىزىسنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدىغان قەدەملەرنى تاشلاشنىڭ ئورنىغا، كۆپ يىللاردىن بۇيان پەلەستىنگە بېرىلگەن ۋەدىلەرگە ئەمەل قىلىنىشىنى ھەم بۇنى ئەستە تۇتۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

ئەردوغان يەنە گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئىسرائىلىيە-ھاماس توقۇنۇشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.

ئۇندىن باشقا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدانمۇ ھەم رايون دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىش، ھەمدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن بۇ مەسىلە ھەققىدە جىددىي سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزمەكتە.

خاقان فىدان 16-ئۆكتەبىر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، غەززە ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، غەززەدىكى ئىنسانىي تىراگېدىيە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كېڭىيىش ئىستراتېگىيەسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خاقان فىدان يېقىنقى كۈنلەردە ئانتونى بىلىنكېن بىلەن ئۇدا ئۈچ قېتىم تېلېفوندا كۆرۈشكەن بولۇپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتى ئامېرىكىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.

خاقان فىدان يەنە مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زامبىرى ئابدۇلقادىر ۋە دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لارس لوككې راسمۇسسېن بىلەن ئايرىم-ئايرىم تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.

شۇنداقلا خاقان فىداننىڭ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندىن سىرت، 17-ئۆكتەبىر لىۋان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، قوشۇمچە كۆچمەنلەر مىنىستىرى ئابدۇللاھ بۇھەبىبنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن لىۋاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقى ۋە ئۇ يەردىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خاقان فىداننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى، يىغىندا، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى پەلەستىن خەلقىنى قارا-قويۇق زەربە نىشانى قىلغان قالايمىقان قىلمىشلىرىغا قارشى قوللىنىدىغان كونكرېت قەدەملىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى، فىداننىڭ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈسشىچە، خاقان فىدان بۈگۈن سەپەردىن بۇرۇن ھاماسنىڭ سىياسىي ئىشخانىسى رەئىسى ئىسمائىل ھەنىييە بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، پەلەستىندىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر ۋە پۇقرالارنى قويۇپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 2395 قېتىم كۆرۈلدى
17/10/2023 16:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق