مالايشىيا مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىلقى فىرانكفورت كىتاب يەرمەنكىسىگە قاتنىشىشتىن چېكىنىپ چىققان بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى يەرمەنكىنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى قوللىغانلىقى ئىكەن.
ئەلجەزىرە تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مالايشىيانىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كىتاب يەرمەنكىسى دەپ قارالغان يەرمەنكىدىن چېكىنىش قارارى ئەدەبىيات جەمئىيىتى «لىتپروم»نىڭ بېرلىندا ئولتۇرۇشلۇق پەلەستىنلىك رومان ۋە ھېكايە يازغۇچىسى ئادېنيا شىبلىغا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىنى كېچىكتۈرگەندىن كېيىن چىقىرىلغان.
ئالدىنقى ھەپتە ھاماس «ئەقسا كەلكۈنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكىتىنى باشلىغاندىن كېيىن، كۆرگەزمىنى تەشكىللىگۈچى فېيسبۇك ھېساباتىدا ئۆزىنىڭ بۇ يىلقى نەشرىدە يەھۇدىي ۋە ئىسرائىلىيە ئاۋازىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مالايشىيا مائارىپ مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى كەچتە بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «مىنىستىرلىق ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىندە قىلغان زوراۋانلىقىغا كۆز يۇممايدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرىكىتى خەلقئارا قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق پىرىنسىپىغا ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپ» دېگەن. باياناتتا يەنە بۇ كۆرگەزمىدىن چېكىنىش قارارىنىڭ مالايشىيا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ پەلەستىن خەلقىنى تولۇق قوللاش مەيدانى سەۋەبلىك چىقىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مالايشىيا پەلەستىن مەسىلىسىنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، باش مىنىستىر ئەنۋەر ئىبراھىم بۇ ھەپتە غەربنىڭ ھاماسنى ئەيىبلەپ بېسىم قىلىشىغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. سەيشەنبە كۈنى ئەنۋەر ئىبراھىم ھاماس سىياسىي ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل ھەنىيە بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەندىن كېيىن، غەززەدىكى بومباردىماننى دەرھال توختىتىشقا ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كارىدورى ئېچىشنى دەرھال ئىشقا ئاشۇرۇشقا چاقىرغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ