ئامېرىكا سودا ئەمەلدارى خىتاي ماللىرىدىن داۋاملىق قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىش-ئالماسلىقنى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن قارار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر قوشۇمچە تاموژنا باجلىرى تىرامپ ھۆكۈمىتى دەۋرىدە يولغا قويۇلغان ۋە بايدېن ھۆكۈمىتى بۇنىڭ كۆپ قىسمىنى داۋاملىق ساقلاپ قالغانىدى. (ئامېرىكا ئاۋازى)