ئونسۇ ناھىيەسىدە تاغ ئۆچكىسى بايقالدى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسى تەۋەلىكىدىكى تاغدا تاغ ئۆچكىسى بايقالدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 16-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى تەكشۈرۈش باش پونكىتى ئاقسۇ چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى يامانسۇ چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى تەڭرى تېغىنىڭ ئىچكى قىسمى بەدەرى ئېغىزىدا بىر نەچچە تاغ ئۆچكىسىنى بايقىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغاندا 50 تۇياقتىن ئاشىدىكەن. ئادەتتە تاغ ئۆچكىلىرىنىڭ بۇنداق توپلىشىپ ياشاش ئەھۋالى ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاندا يامغۇر كۆپ ياغقان بولۇپ، ئىلگىرى ئوت-چۆپ ئۆسمەيدىغان تاغلار يېشىللىققا چۆمگەن. ئاقسۇ چېگراسىدىكى تاغلىق رايونلاردىكى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ سانى داۋاملىق كۆپەيگەن. چارۋىچى خەلقنىڭ تەرىپلىشىچە، تەڭرى تېغىنىڭ ئىچكى قىسمىدا جەرەن، يىلپىز قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان ھالەت بارلىققا كەلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3753 قېتىم كۆرۈلدى
17/10/2023 11:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق