خىتاينىڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئۆمىكى شەرقىي تۈركىستانغا باردى

خىتاي سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ئۆمەك شەرقىي تۈركىستانغا تەكشۈرۈشكە بارغان بولۇپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى تەكىتلەپ، ئاتالمىش «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تەربىيەسىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك» دەپ جار سالدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە 9-ئۆكتەبىردىن 13-ئۆكتەبىرگىچە خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇ چۇنخۇانىڭ يېتەكچىلىكىدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ئۆمەكنىڭ ئاتالمىش «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تەربىيەسىگە تۈرتكە بولۇش»نى نىشان قىلغان ھالدا، شەرقىي تۈركىستاندا تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى ھەمدە مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت يىغىنى ئاچقانلىقى قەيت قىلىنغان. سۆھبەت يىغىنىغا قورچاق ئەمەلدارلاردىن دىلنار ئابدۇللاھ، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قەيسەر ئابدۇكېرىم قاتارلىقلار قاتناشقان.

مەزكۇر ئۆمەك قاراماي شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى كۆپلىگەن ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە بارغان ۋە بۇ جەرياندا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى تەكىتلەپ: «دىققەتنى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تەربىيەسىنى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تەربىيەسى خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك» دەپ جار سالغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ يىللاردىن بۇيان بۇنىڭدەك ھەرخىل ناملار بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مىللىي ئۆرپ-ئادىتى، ئەدەپ-ئەخلاق چۈشەنچىلىرىدىن، دىنىي ئەقىدىسىدىن يىراقلاشتۇرۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، بۇ سەپسەتىلەرگە باشقىچە پىكىردە بولغان ھەرقانداق سۆز-ھەرىكەتنى قاتتىق باستۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، بۇ خىل باستۇرۇشنىڭ كۆلىمى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېخىمۇ كېڭىيىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىلا ئەمەس، بەلكى يەسلى مەكتەپلىرىگىچە ئەۋجىگە چىققانلىقىنى، جۈملىدىن مىليونلىغان سەبىي ئۆسمۈرنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن مەجبۇرىي تارتىۋېلىنىپ، خىتايلاشتۇرۇش تەربىيەسى يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3342 قېتىم كۆرۈلدى
17/10/2023 11:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق