ب د ت نىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق قىسمى ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرگە ئۇرۇش توختىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
ب د ت ئورگان تورىنىڭ 15-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت نىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق قىسمىنىڭ باياناتچىسى بايانات ئېلان قىلىپ، شۇ كۈنى لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيە ۋاقىتلىق چېگراسى «كۆك سىزىق»دىكى نۇرغۇن جايدا كەسكىن توقۇنۇش يۈز بېرىپ، «كۆك سىزىق» نىڭ ئىككى تەرىپىگە زەمبىرەك ئوقى چۈشكەنلىكىنى ئېيتقان. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن بىر راكىتا بومبا ب د ت نىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق قىسمىنىڭ ناگۇلا بازىرىدىكى باش ئىشىتابىغا چۈشكەن، ئەمما ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.
باياناتتا: «گەرچە ب د ت نىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق قىسمى تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن رايوندا ھەربىي ئىشلار دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يەنىلا داۋاملاشماقتا» دېيىلگەن. باياناتتا يەنە ھەرقايسى تەرەپلەر ئۇرۇش توختىتىشقا، تىنچلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ ھەرىكىتىگە ماسلىشىپ، ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە چاقىرىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ