نۇرغۇن خىتاي بايلارنىڭ خىتايدىكى «يەر ئاستى بانكىلار» ئارقىلىق، بارلىق مال-مۈلۈكلىرىنى چەت ئەلگە جىددىي يۆتكەشكە باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 15-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي رېىمى ئالاھىدە كەسىپلەرگە زەربە بەرگەندىن باشقا، خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىدىن كېيىن خىتاي ئىقتىسادىدىكى مۇقىمسىزلىق كۈچەيگەن. بۇ خىل ئەھۋال خىتاي بايلىرى، ھەتتا ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە (ئوتتۇرھال بايلار)نىمۇ گاڭگىرىتىپ قويغان. نەتىجىدە تېخىمۇ كۆپ بايلار خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ تاشقى پېرېۋوت كونتروللۇقىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، «يەر ئاستى يوللىرى» ئارقىلىق مال-مۈلۈكلىرىنى چەت ئەلگە يۆتكەشنى تاللىغان. بولۇپمۇ يۇقۇمدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ خىتاي مال-مۈلۈكلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ياكى كەلگۈسىدە چەت ئەلگە كۆچۈپ كېتىشكە تەييارلىق قىلىپ، ئىقتىسادىنى چەت ئەلگە يۆتكەشكە باشلىغان.
بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ 9-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، نۇرغۇن خىتاي بايلار مۈلۈك يۆتكىگەندە رەسمىي يولنى تاللىماي، بەلكى «يەر ئاستى بانكىلار»غا تايانغان.
بىلۇمبېرگ فىرانسىيە چەتئەل بانكىسى Natixis ئىقتىسادشۇناسلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، نۇرغۇن خىتاي ساياھەتچىلەر چەت ئەل ساياھىتىدىن پايدىلىنىپ نەق پۇل يۆتكەيدىكەن. ساياھەت سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2023-يىلى 150 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى خىتايدىن چەت ئەلگە يۆتكەلگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي خېرىدارلىرىنىڭ چەتئەلگە مال-مۈلۈك يۆتكەش ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى جۇغراپىيەلىك سىياسىي جىددىيلىكنىڭ ئېشىشى ۋە ئېنىقسىز ئىكەنلىكىدىن بايلار، ھەتتا ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە تۈرىدىكى بايلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «ئورتاق گۈللىنىش» سىياسىتىدىن تەھدىت ھېس قىلغان. ئۇلار خىتاي رېجىمىنىڭ كەلگۈسىدە ئاتالمىش «ئورتاق گۈللىنىش» دېگەن نام بىلەن ئۇلارنىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشىدىن ئەنسىرىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ