ئۇزۇن يىللىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى دوكلات بېلىقچىلىق كەسپىدىمۇ كەڭ كۆلەملىك ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
پايدا ئالمايدىغان ئاخبارات ئورگىنى «قانۇنسىز ئوكيان پىروجېكتى» تۆت يىللىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق خىتاي رېجىمىنىڭ كونتروللۇقىدىكى بېلىقچىلىق كەسپىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ كەڭ كۆلەمدە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. بۇ تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ مەزمۇنى خىتاينىڭ يىراق ئوكياندىكى دېڭىز-ئوكيان بېلىقچىلىق فىلوتىدا مەجبۇرىي تۇتۇپ تۇرۇلغان كىشىلەرگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، خىتاي بۇ پاراخوت ئەترىتىدىكى ئىشچىلارنى قورقۇنچلۇق شارائىتتا بىر نەچچە ئاي دېڭىزدا تۇتۇپ تۇرىدىكەن. بۇ جەرياندا ئىشچىلار يولۇققان ئەجەللىك خەتەرگىمۇ سەل قارىلىدىكەن.
مەزكۇر تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئورۇنلىرىدا ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ئەمگەككە كەڭ كۆلەمدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
تەكشۈرۈش دوكلاتىدا يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك كۆلىمىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى پاختا (دۇنيا ئېھتىياجىنىڭ %20 نى تەمىنلەيدۇ)، پەمىدۇر ۋە قۇياش ئېنېرگىيە باتارىيەسىدە ئىشلىتىلىدىغان كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىيدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ كەسىپكە مەركەزلەشتۈرگەنلىكىنى، ئۇندىن باشقا ئاپتوموبىل ۋە ئاليۇمىن سانائىتىدىمۇ مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئىسپاتلانغانلىقىنى، خىتاينىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىرتىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك تۈرلىرىگە تەقسىم قىلغانلىقىنى، بۇنىڭدىكى رەزىل مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز مەدەنىيىتىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، خىتايغا ئوخشاش ياشاش ئادىتىگە كۆندۈرۈش ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ھازىرغىچە ھېچكىم بىلمەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ بېلىقچىلىق ساھەسىدىمۇ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىمۇ مەجبۇرىي ئەمگەككە تايانغانلىقىنى، بۇ ئورۇنلاردا پىششىقلانغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ