خىتاي بۇ يىل ئون مىليون توننا كۆمۈرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى

خىتاي ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تارمىقى بۇ يىل ئون مىليون توننىدىن ئارتۇق كۆمۈرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇپ كەتكەن.

خىتاي رېجىمى ئىشغالىيەتتىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرلۈك بايلىقلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، قېزىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە توشۇش ئۇسۇللىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تالان-تاراج قىلىشنىڭ شەكلى ۋە كۆلىمىمۇ يىلدىن-يىلغا ئاشماقتا.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 11-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ» شىركىتى شەرقىي تۈركىستاندىن قېزىلغان كۆمۈرلەرنى يىللاردىن بېرى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغىنىدەك، بۇ يىلمۇ سىچۈەن، چىڭخەي، گەنسۇ، نىڭشيا، چۇڭچىڭ، خۇبېي، خۇنەن قاتارلىق 14 خىتاي ئۆلكىسىگە توشۇغان بولۇپ، مىقدارى 10 مىليون 40 مىڭ توننىغا يەتكەن. مەزكۇر گۇرۇھ خىتاي ئۆلكىلىرىنى قىشلىق توك ئىشلىتىش يۇقىرى پەللە مەزگىلىدىن ئۆتۈشكە كېرەكلىك كۆمۈر بىلەن تەمىنلىگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ ئېلىپ كېتىۋاتقان بارلىق يەر ئاستى ۋە ئۈستى بايلىقلىرىغا ئائىت ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىشەنچسىز ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتقان بايلىقلارنىڭ ئېلان قىلىنغان ساندىن نەچچە ئون ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقى خىتايغا توشۇلغاندىن باشقا، چەت ئەللەرگىمۇ سېتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3559 قېتىم كۆرۈلدى
16/10/2023 10:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق