تارقالغان سىنلار خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ ئوخشاش دەرىجىدە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئاشكارىلىدى.

لاگېر شاھىتى زۇمرەت خانىم 14-ئۆكتەبىر ھەمبەھرىلىگەن بىر سىندا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا نەچچە يىلدىن بېرى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مىللىي ئۆرپ-ئادىتىنى چەكلەش، دىنىي قائىدە-يوسۇن ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادىتى بىلەن ياشاشنى خالايدىغان كىشىلەرنى «قالاق، كونىلىق تەرەپدارلىرى» دېگەن سۆزلەر بىلەن كەمسىتىش، باستۇرۇش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى ئىزچىل ئىجرا قىلغان.

سىندىكى ئايالنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي رېجىمى ئۇيغۇرلارنىڭ تاماق يېگەندە داستىخان سېلىشىنى چەكلىگەن بولۇپ، مەيلى ئۈستەلدە تاماق يېسۇن، ياكى گىلەمدە ئولتۇرۇپ تاماق يېسۇن، داستىخان سېلىپ تاماق يېيىشىگە چەكلىمە قويغان. مەزكۇر ئايالنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، خىتاي رېجىمى ئۆيدىكى داستىخانلارنى يىغىۋالغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۆيلەردىن داستىخان تاپقىلى بولمايدىكەن.

سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دېھقان ئاياللارنىڭ ئېتىزلاردىمۇ بېشىغا ياغلىق چىگىشىنى چەكلىگەن بولۇپ، ياغلىق چەككەن ئاياللارنى «بېشىغا پايتىما چەگدى» دەپ كەمسىتكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، جۈملىدىن ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشى ۋە جازالىشىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق جىنايەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھەرخىل رەزىل ۋاسىتىلەر، باھانىلەر ئارقىلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى يوللۇق كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش» سەپسەتىسىنى ئىزچىل تەكىتلەپ، دىنىي قائىدە-يوسۇن، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى ھەرخىل ناملار بىلەن كەمسىتىپ چەكلەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4583 قېتىم كۆرۈلدى
14/10/2023 11:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق