تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى

12-ئۆكتەبىر تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، «ئىيى» پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق تۈركئوغلى 13-ئۆكتەبىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىسى «X»تا ئۇچۇر يوللاپ، مەزكۇر يىغىندا قىلغان سۆزى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

ئۇ سۆزىدە: «مەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ لايىھەسى سۇنغانىدىم. لېكىن بۇ ‹ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى›نىڭ خىزمەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن بولغاچقا، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا مەخسۇس بىر كومىتېت قۇرۇلمىغان. شۇڭا بۇ كومىتېت شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تەكشۈرۈشى كېرەك. تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، قوشنىلىرى ۋە ئاتا-ئانىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا قالغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بار. شۇڭا ئالدىمىزدىكى يىغىنىمىزدا ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە جازا لاگېرى قۇربانلىرىنىڭ شاھىتلىرىنىڭ تەكلىپ قىلىنىپ، گۇۋاھلىق بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىمەن» دېگەن.

تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ھازىر ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدىن 12 نەپەر، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىدىن 6 نەپەر، يېشىل سول پارتىيەسىدىن 3 نەپەر، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىدىن 2 نەپەر، ئىيى پارتىيەسىدىن 2 نەپەر، مۇستەقىل پارلامېنت ئەزاسىدىن 2 نەپەر بولۇپ، جەمئىي 27 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىدىن تەركىب تاپقان. مەزكۇر كومىتېت تۈركىيە ئىچى-سىرتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈپ، بۇ ھەقتە دوكلات تەييارلاپ ھۆكۈمەتكە سۇنىدۇ.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 2884 قېتىم كۆرۈلدى
14/10/2023 11:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق