ياپونىيەلىك مۇتەخەسسىس خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتالمىش «دۆلەت بىخەتەرلىك» نامىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن خوڭكوڭ خەلقىنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
بۈيۈك دەۋر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چەت ئەلدىكى خوڭكوڭ خەلق تەشكىلاتى «دەۋر پۇقرالار مائارىپ سۇپىسى» 7-ئۆكتەبىر «شىنجاڭ مودېلى ۋە خىتاي پەيدا قىلغان چوڭ قەپەس: خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئۆگىنىدىغان دەرسلىرى» ناملىق تور مۇنبىرى تەشكىللىگەن بولۇپ، مۇنبەرنىڭ مېھمىنى «شىنجاڭ: خىتاي ھۆكۈمرانلىقىدا ئۆتكەن 70 يىل» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، ياپونىيە خوسېي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى دوكتور جۇن كاماكۇرا بولۇپ، ئۇ تور يىغىندا خىتاي رېجىمىنىڭ 2016-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە شەرقىي تۈركىستانغا قارىتا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» ئېڭىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، 2015-يىلدىن 2017-يىلغىچە كەڭ كۆلەمدە لاگېرلارنى قۇرغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە خىتاينىڭ بۇ لاگېرلارنى ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن ئاتالمىش «تېررورچىلار»نى يوقىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغانلىقىنى، ئەمما خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان بۇ باستۇرۇشلارنىڭ تولىمۇ قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
دوكتور جۇن كاماكۇرا ئاخىرىدا خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاتالمىش «تېررورچىلارنى يوقىتىش» نامىدا باستۇرغان بولسا، ئاتالمىش «قارا جەمئىيەت ۋە زوراۋانلىق» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىپ خوڭكوڭ خەلقىنى باستۇرغانلىقىنى، خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگىنىگە 74 يىل بولغانلىقىنى، يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئارمىيە، قوراللىق ساقچى كۈچلىرى بىلەن سىستېمىلىق باستۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، ئەمدىلىكتە خوڭكوڭدا شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش مودېلىنى ئىشقا سېلىشقا باشلىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ