ئىسرائىلىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى خادىمىنىڭ ئائىلە ئەزاسى بېيجىڭ كوچىلىرىدا نامەلۇم كىشى تەرىپىدىن پىچاقلانغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 13-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ خىتاينىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ خىزمەتچىسىنىڭ 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭ كوچىسىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى، بۇ خىزمەتچىنىڭ ھازىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
باياناتتا بۇ ھۇجۇمنىڭ بېيجىڭدىكى ئىسرائىلىيە ئەلچىخانىسى ئىچىدە ئەمەس، بەلكى ساقچىلار تەرىپىدىن قاتتىق قوغدىلىدىغان ئەلچىخانا رايونىدا يۈز بەرگەنلىكى قەيت قىلىنغان. ئىسرائىلىيە ئەلچىخانىسىغا يېقىن جايدا ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىمۇ بار ئىكەن.
ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتىنىڭ ئاخىرىدا ھۇجۇمغا ئۇچراش دېلوسىغا قارىتا تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بىر سىندا بىر ئەرنىڭ يەنە بىر پىچاق كۆتۈرگەن كىشىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ۋە مۈرىسى ۋە كۆكرىكىدىن بىر قانچە قېتىم پىچاقلانغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان كىشى دەرھال يەرگە يىقىلغان. ھۇجۇم قىلغۇچى نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن بولۇپ، سىندا يەردىكى قان داغلىرى كۆرسىتىلگەن.
«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتى يوللىغان يەنە بىر سىندا كۆرسىتىلىشىچە، ۋەقەنى كۆرگۈچى نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ساقچىغا ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ چىراي تۇرقىنىڭ خىتايلارغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ھۇجۇمغا ئۇچرىغان خادىم ساقچىغا ئۆزىنىڭ ئىسرائىلىيە ئەلچىخانا خادىمى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولۇپ، ساقچى يارىدارنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتكەن.
بېيجىڭدىكى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھۇجۇمغا ئۇچرىغۇچى بىر ئىسرائىلىيە ئەلچىخانىسى خادىمىنىڭ ئائىلە ئەزاسى ئىكەن، ھۇجۇم قىلغۇچى بولسا ئۇششاق تىجارەت قىلىدىغان يەنە بىر چەت ئەللىك ئىكەن. نۆۋەتتە بۇ دېلو داۋاملىق تەكشۈرۈلمەكتىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ