پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا ئۈچ خىتاي ئۆلدى

پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى جەريانىدا ئۈچ خىتاي ئۆلگەن بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنى دەلىللىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 12-ئۆكتەبىردىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ھازىرغىچە ئۈچ خىتاي پۇقراسىنىڭ ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشىدا ئۆلگەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەنلىكىنى، ئىككى خىتاي بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى، بىر نەچچە خىتاينىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە باياناتىدا خىتاينىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئالاقىدار تاشقى ئىشلار ئاپپاراتلىرىنى يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش، ئۆلگەنلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان خادىملارنى ئىزدەش، خىتاي ئاپپاراتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا نۇرغۇن چەت ئەل پۇقرالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىڭلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە يارىلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە 22 ئامېرىكا پۇقراسى، 10 نەچچە ئەنگلىيە پۇقراسى ھاياتىدىن ئايرىلغان ياكى يوقاپ كەتكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2782 قېتىم كۆرۈلدى
13/10/2023 14:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق