ئىسرائىلىيە: ئەگەر ھاماس ئەسىرلەرنى قويۇپ بەرمىسە، غەززەگە ھېچنەرسە كىرگۈزمەيمىز

ئىسرائىلىيە ھاماس تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان ئىسرائىلىيەلىكلەر قويۇپ بېرىلمىگىچە، غەززە رايونىغا ئاساسىي تەمىنات ياكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى كىرگۈزمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا خەۋەرلىرى تورىنىڭ 12-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرى كاتز بايانات ئېلان قىلىپ، ئەسىرگە ئېلىنغان ئىسرائىلىيەلىكلەر يۇرتىغا قايتمىغۇچە غەززىنى توك، سۇ ۋە يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلىمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھاماس ئىسرائىلىيەلىك بىر ئايال ۋە ئۇنىڭ ئىككى بالىسىنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئەمما ئىسرائىلىيە تېلېۋىزىيە تورى بۇ خەۋەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئېيتقان.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ 12-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشى كەسكىنلەشكەن بولۇپ، ئىسرائىلىيە ھازىرغا قەدەر غەززەگە 4000 توننا ئېغىرلىقتىكى 6000 بومبا تاشلىغان بولۇپ، ھۇجۇم باشلانغاندىن بۇيان ھازىرغىچە 1537 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 6612 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ كىچىك بالىلار ۋە ئاياللار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەندى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2525 قېتىم كۆرۈلدى
13/10/2023 13:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق