دوكلات: ئامېرىكا بىرلا ۋاقىتتا خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىنىشى كېرەك

ئامېرىكا پارلامېنتى ئىستراتېگىيەلىك ھالەت كومىتېتى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ چوقۇم خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن بىرلا ۋاقىتتا جەڭ قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ياپونىيە ۋاقىت گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پارلامېنتى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ئىككى پارتىيە كومىتېتى ئىستراتېگىيەلىك ھالەت كومىتېتى يېڭى بىر دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا ئامېرىكىنىڭ رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئۇرۇش قىلىش ئېھتىماللىقىغا تەييارلىق قىلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتتا يەنە ئامېرىكىنىڭ ئادەتتىكى ھەربىي ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش ۋە كۆلەملەشتۈرۈش، ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىش ۋە يادرو قوراللىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش پىروگراممىلىرىنى كۈچەيتىشى تەۋسىيە قىلىنغان.

ئىستراتېگىيەلىك ھالەت كومىتېتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۆزلىرى ئىگىلىگەن ئىستىخبارات دوكلاتىدا خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ يادرو قوراللىرى مەسىلىسىدە ھەمكارلىق ئورناتقان-ئورناتمىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2540 قېتىم كۆرۈلدى
13/10/2023 13:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق